Domain: دۇنيا تارىخىئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدا پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان بارلىق ئوبيېكت بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئامىلىنڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمگەكچىلەر ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئەمگەك ئوبيېكتى ئادەتتە تۆۋەندىكى ئىككى تۈرى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ: ئەمگەك ئارقىلىق تېخى پىششىقلانمىغان تەبىئىي ئەشيالار، مەسىلەن: ئىپتىدائىي ئورمانزارلىقلار، ئېچىلمىغان بوز يەرلەر، كان بايلىقلىرى، دەريا ئېقىنلىرى قاتارلىقلار؛ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن خام ئەشيالار، مەسىلەن: پولات ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىققا كېتىدىغان پاختا قاتارلىقلار. ئەمگەك ئوبيېكتىنىڭ دائىرىسى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە ئىلىم - پەن تېخنىكىسىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىىشپ كۈنسېرى كېڭىيىپ بارىدۇ.