ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
كۈتۈلگەن ۋە ئارزۇ قىلىنغان پۈتۈنلەي قارشى ھالدا، تەتۈرىچە.
مەن چوڭ يىغىننى كېچىكتۈرۈپ ئاچىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئۇ پەرىزىمنىڭ ئەكسىچە، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئېچىلدى.
خاتا ھالدا.
بىز ئۇلارنىڭ تېپىشلىرىگە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپراق تېپىش بىلەن جاۋاب قايتۇرماي، ئەكسىچە بۇ بىچارىلەرگە رەھىم قىلىشىمىز لازىم ئىكەن.
قارىمۇ قارشى باغلىغۇچى رولىدا كېلىدۇ.
ئارسلان نانغا قاراپمۇ قويمىدى، ئەكسىچە ئارقىغا سۈرۈلۈپ پارتىنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىشقا ھەرىكەت قىلدى.