UyghurMain Dictionary
ئەھلىسەلىبنىڭ شەرققە قىلغان تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇش
Domain: ئىسلام ئاتالغۇلىرىئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ غەربىي ياۋروپا خرىستىئان جەمئىيەتلىرى، فېئوداللىرى، سودىگەرلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. رىم پاپاسى ئېتىقادنى قوغداش بايرىقى ئاستىدا، شەرقنىڭ بايلىقىنى تالان - تاراج قىلىشنى قوزغىدى. بۇ يىراق سەپەرگە قاتناشقانلارنىڭ كىيىمىگە <+> بەلگىسى تىكىپ قويۇلغانلىقتىن، <ئەھلىسەلىب قوشۇنى> دەپ ئاتالدى. 1096 - يىلىدىن 1291 - يىلىغىچە شەرققە توققۇز قېتىم يۈرۈش قىلدى، ۋاقتى 200 يىلغا يېقىن داۋاملاشتى. 1 - قېتىملىق شەققە تاجاۋۇز (1096 - 1099) قىلىشتا رىم پاپاسى <لوردنىڭ قەبرىگاھى> نى <كاپىرلار> نىڭ قولىدىن تارتىۋېلىش، <مۇقەددەس يەر> ئېرۇسالىمنى قۇتقۇزۇۋېلىش دېگەن چاقىرقى بىلەن، ئەھلىسەلىب قوشۇنى ئېرۇسالىمغا ھۇجۇم قىلىپ، بايلىقلارنى بۇلىدى، پۇقرالارنى قىردى. ئىشغال قىلغان زېمىندا ئېرۇسالىم پادىشاھلىقى، ئانتوك كىنەزلىكى، ئېدېسا دۆلىتى قۇردى. مۇسۇلمانلار باش ۋالى ئىماددىن زەنگى (0841 - 1146) نىڭ رەھبەرلىكىدە 144 - يىلى ئېدېسا شەھىرىنى تارتىۋالدى. ئاندىن كېيىن، زەنگىنىڭ ئوغلى نۇرىددىن (1118 - 1174) مۇسۇلمانلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، شەرققە 2 - قېتىملىق تاجاۋۇز قىلىشقا (1147 - 1149) باتۇرلۇق بىلەن زەربە بەردى؛ 1171 - يىلى نۇرىددىن قىسىملىرى سالاھىددىن ئەييۇبى خاندانلىقىنى قۇرۇپ، مىسىرنى مەركەز قىلىپ ئەھلىسەلىب قوشۇنىغا زەربە بەردى؛ 1187 - يىلى 7 - ئايدا سالاھىددىن قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، ھىتتىن جېڭىدە چوڭ غەلىبە قىلدى، ئېرۇسالىم پادىشاھىنى ئەسىر ئېلىپ، شەرقىي دېڭىز ياقىسىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەرنى قايتۇرۇۋالدى، شۇ يىلى 10 - ئايدا ئېرۇسالىمنى قولغا ئالدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، شەرققە 3 - قېتىم تاجاۋۇز قىلغان (1189 - 1192) قوشۇن ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلار مىسىر، تنس قاتارلىق جايلارنى ئاساسىي نىشان قىلغان ئەھلىسەلىب قوشۇنىنىڭ شەرققە قىلغان 4 - قېتىملىق تاجاۋۇزىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىشغال قىلىنغان زېمىننى قايتۇرۇۋالدى. ئىشغال قىلىنغان ئاخىرقى بازا - ئاكرېنى مىسىر قوشۇنلىرى 1291 - يىلى قايتۇرۇۋالدى. ئەھلىسەلىبنىڭ تاجاۋۇزى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.