ئىدىيىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئىدېئولوگىيە خاراكتېرىنى ئالغان، ئىدىيە، مەپكۇرىغا ئائىت، روھىي دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك:[مىسال:] ئىدىيىۋى ئاڭ. ئىدىيىۋى ئېقىم. ئدىيىۋى كۈرەش. ئىدىيىۋى يۈك.[يەشمىسى:] ② ئىدىيە جەھەتتىكى، ئىدىيە جۈملىسىگە كىرىدىغان:[مىسال:] ئۇ مەسىلىگە قارىتا مېنىڭ ئىدىيىۋى تەييارلىقىم بار ئىدى.