ئىچى ئېچىشماق[يەشمىسى:] ① ئىچى سىيرىلماق، ئىچى ئاغرىماق:[مىسال:] ئۇنىڭدىن كېيىن ئېگىز ئويۇققا قارىدى، ئويۇقتىكى تۇچ ئۈزەڭگىنىمۇ سېتىپ يەپ بولغانلىقىغا ئىچى ئېچىشتى.[يەشمىسى:] ② رەھمى كەلمەك، ئاياپ كۆيۈنمەك:[مىسال:] ھەر قېتىم، ھېلىقى قاناتلىرى ئاجراپ، ھالى قالمىغان ئىشىكتىن ئۆتكىنىدە ئۇنىڭ ئىچى ئېچىشاتتى.