ئىچ-ئىچىدىن[يەشمىسى:] ① ھەممە ئىچكى ئەزالىرىدىن:[مىسال:] ئىسمائىل ئاكىنىڭ ئىچ-ئىچىدىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان تىترەك ھەممە ئەزالىرىغا تارقىلىپ بوشاشتۇراتتى.[يەشمىسى:] ② چىن يۈرەكتىن، چىن كۆڭلىدىن، كۆڭلى-كۆكسىدىن:[مىسال:] مۇنداق چاغلاردا مەن ئىچ-ئىچىمدىن خۇشاللىنىپ، بېشىم ئاسمانغا يەتكەندەك بولۇپ كېتىمەن.