ئىچى ئادىماق[يەشمىسى:] ① كۆڭۈل ئازابىغا قالماق؛ ئىچى ئېچىشماق:[مىسال:] خاپىلىق دەستىدىن ئىچىم ئاداپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② باشقىلارغا ھەسەت قىلماق، قىزغانماق، تارلىق قىلماق، كۆرەلمەسلىك:[مىسال:] ئۇ قوشنىلىرىنىڭ شاللىرىنىڭ ئېتىزىغا پاتماي قالغىنىنى كۆرگەندە، ئىچى ئاداپ، كېچىلىرىمۇ ئۇيقۇسى كەلمەي يۈردى.