UyghurMain Dictionary
ئېچىلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئاچماق Ⅰ> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
ئىشىك ئېچىلىپ كىمدۇر بىرى كىرىپ كەلدى.
غۇنچە ۋە پورەك گۈل كاسسىسىدا يېيىلىپ ئاشكارا بولماق، كۆركەم ھالەتكە كەلمەك.
گۈل سەھەردە ئېچىلار، خىيال كېچىدە (ماقال).
بۇلۇتلار تاراپ ئاسمان ئېنىق كۆرۈنمەك.
ھاۋا ئېچىلدى.
خاپىلىقى، قەھرى - غەزىپى يوقالماق، كەيپىياتى يۇقىرى ئۆرلىمەك.
رەنا ئارسلاننى كۆرۈپ بىردىن چىرايى ئېچىلىپ، خۇشاللىقىدىن سەكرىگىنىچە كېلىپ ئۇنى قۇچاقلىۋالدى.
ھۆسنىگە - ھۆسىن قوشۇلماق، تېخىمۇ گۈزەل، كۆركەم بولماق، ياراشماق.
بۇنى كىيىۋىدىڭ چىرايىڭ تېخىمۇ ئېچىلىپ كەتتى.
ئېچىلماق[يەشمىسى:] ① «ئاچماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشىك ئېچىلىپ كىمدۇر بىرى كىرىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ② غۇنچە ۋە پورەك گۈل كاسسىسىدا يېيىلىپ ئاشكارا بولماق، كۆركەم ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] گۈل سەھەردە ئېچىلار، خىيال كېچىدە (ماقال).[يەشمىسى:] ③ بۇلۇتلار تاراپ ئاسمان ئېنىق كۆرۈنمەك:[مىسال:] ھاۋا ئېچىلدى.[يەشمىسى:] ④ خاپىلىقى، قەھرى-غەزىپى يوقالماق، كەيپىياتى يۇقىرى ئۆرلىمەك:[مىسال:] رەنا ئارسلاننى كۆرۈپ بىردىن چىرايى ئېچىلىپ، خۇشاللىقىدىن سەكرىگىنىچە كېلىپ ئۇنى قۇچاقلىۋالدى.[يەشمىسى:] ⑤ ھۆسنىگە-ھۆسن قوشۇلماق، تېخىمۇ گۈزەل، كۆركەم بولماق، ياراشماق:[مىسال:] بۇنى كىيىۋىدىڭ چىرايىڭ تېخىمۇ ئېچىلىپ كەتتى.