Domain: بىئولوگىيەئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار تېنىدىكى بەزى بەز ياكى ئورگانلار گورمون ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ گورمونلار كاناللاردىن ئۆتمەي، بەلكى بىۋاسىتە قانغا ئۆتۈش ئارقىلىق پۈتۈن ئورگانىزمغا تارقىلىپ، ئورگانىزمنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشىنى ۋە فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلىرىنى تەڭشەيدۇ. بۇ خىل گورمونلار <ئىچكى ئاجراتما> دەپ ئاتىلىدۇ.