ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ئىسسىقلىق ماشىنىلىرىنىڭ بىر خىلى. بۇنىڭدا يېقىلغۇ سىلىندىر ئىچىدە كۆيۈپ، گازنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پورشېننى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پورشېن شاتۇننى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بۇ ھەرىكەت ماشىنا ئوقىغا يەتكۈزۈلىدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭغا بېنزىن، دىزېل مېيى ۋە كۆمۈر گازى يېقىلغۇ قىلىنىدۇ.