UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۆنىلىشنى، يولنى يوقىتىپ قويماق، نىشاننى بىلمەي قالماق.
ئادەم ئازىدۇ. يولدىن ئازساڭمۇ، يۇرتتىن ئازما. ئات ئازسا، تايغا ئەگىشەر. ئاداشقاننى ئارقىسىدىكى بىلەر، يېڭىلگەننى يېنىدىكىسى. ئىككى قېتىم يول سوراش بىر قېتىم ئاداشقاندىن ئەلا. بۈگۈن يولدىن تېنىگۈچە، ئاخشام خەقتىن سورىساڭچۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قايمۇقماق، يولدىن چىقماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يولنى يوقىتىپ قويماق؛ تېنىمەك.
ئات ئازسا، تايغا ئەگىشەر (ماقال).
يولدىن ئازسىمۇ، يۇرتىدىن ئازماپتۇ (ماقال).
يېڭىلىشماق؛ خاتا قىلماق.
ھېساباتتا ئازماق، گەپتە ئازماق.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مەدداھنىڭ بۇ جەڭنامىنى ئازماي، ھودۇقماي ۋە شۇنچە تەمكىن بايان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.
كۆچمە. توغرا يولدىن تايماق، ناتوغرا يولغا كىرمەك، ساختا پىكىرگە ئەگەشمەك.
ئەگرى كىشى ئازىدۇ، توغرا كىشى ئوزىدۇ (ماقال).
ئازماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يولنى يوقىتىپ قويماق؛ تېنىمەك:[مىسال:] ئات ئازسا، تايغا ئەگىشەر (ماقال). * يولدىن ئازسىمۇ، يۇرتىدىن ئازماپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② يېڭىلىشماق؛ خاتا قىلماق:[مىسال:] ھېساباتتا ئازماق، گەپتە ئازماق. * لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مەدداھنىڭ بۇ جەڭنامىنى ئازماي، ھودۇقماي ۋە شۇنچە تەمكىن بايان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] توغرا يولدىن تايماق، ناتوغرا يولغا كىرمەك، ساختا پىكىرگە ئەگەشمەك:[مىسال:] ئەگرى كىشى ئازىدۇ، توغرا كىشى ئوزىدۇ (ماقال).