UyghurMain Dictionary
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ پارسچە سۆزنىڭ مەنىسى «ئۇستاز» دېگەنلىك بولىدۇ. پارس تىلىنى قوللىنىدىغان مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئىسلام ئۆلىمالىرى ياكى مۇددەرىسلەر شۇ نام بىلەن ھۆرمەتلىنىدۇ. جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى خىزمىتىنى قىلىدىغانلار ئاخۇن دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە ئۇلار مەسچىتلەرنىڭ دىنىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ. ئۆز مەسچىتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي مۇراسىملىرىنى باشقۇرۇپ بېرىدۇ. مەسچىت تەۋەلىكىدىكى ئالىي دىنىي باشلىق ۋە مەدرىسىدىكى مۇقەددەرىس ئاخۇن «ئىمام ئاخۇن»، «مۇقەددەس ئاخۇن» دېيىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<دىن> ئىسلام دىنىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق كىشى، دىنىي زىيالىي، موللا.
ۋاڭنىڭ ئەتراپىدا يەتتە - سەككىزدەك ئاخۇن قوللىرىدا قۇرئان تۇتۇپ تۇراتتى.
ئەرلەر ئىسمىنىڭ كەينىگە قوشۇلۇپ ئېيتىلىدىغان ھۆرمەت سۆزى.
مۆمىنئاخۇن، جاپپارئاخۇن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
ئاخۇنجان، ئاخۇنباي، ئاخۇنبەگ، ئاخۇنەك، ئاخۇنھاجى، ئاخۇنۇم
ئاخۇن ئوغلۇم، ئاخۇن بالام
ئاخۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق كىشى، دىنىي زىيالىي، موللا:[مىسال:] ۋاڭنىڭ ئەتراپىدا يەتتە-سەككىزدەك ئاخۇن قوللىرىدا قۇرئان تۇتۇپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② ئەرلەر ئىسمىنىڭ كەينىگە قوشۇلۇپ ئېيتىلىدىغان ھۆرمەت سۆزى:[مىسال:] مۆىن ئاخۇن. جاپپار ئاخۇن.