UyghurMain Dictionary
ئاتىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بېغىشلىماق، تەقدىم قىلماق، بەرمەك:[مىسال:] ئاۋۇ قويدىن بىرەرىنى ئاتىۋەتسىلىمۇ بولىۋېرىدۇ، دېدى باخشى ھېچ قىزارماستىن.[يەشمىسى:] ② كۆڭلىگە پۈكمەك، نىيەت قىلماق:[مىسال:] قانداق، كىچىكئاخۇن، سېتىپ بېرىشكە ئاتىغىنىڭىزنى چىقارمامسىز دېدى ھۇشۇر ھامۇت.[يەشمىسى:] ③ تەييارلىماق، تەييار قىلماق:[مىسال:] [CRLF]يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە، [CRLF]ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى، [CRLF]قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە، [CRLF]ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى.