UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قولىدىكى نەرسىنى قولدىن نېرىغا كەتكۈزمەك.
«جىغىماق» قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
توپقا قاراپ تاش ئاتما. تاش ئاتقانغا ئاش ئات. ئاچلىقتىن ئۆلسەڭ ئۆل، ئاتا - ئاناڭنى تاشلىما. توپنى ماڭا چۆرۈ. تاشنى ئىرغىرىپ ئويناش خەتەرلىك.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① نىشانغا ئوق ئاتماق؛ ② ئۇرماق، دۇمبالىماق؛ ③ ئېتىلىپ چىقماق، ئاۋاز چىقارماق؛ ④ تاڭ ئاتماق، تاڭ سۈزۈلمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قولدىكى نەرسىنى شىلتىپ يىراققا ياكى مۆلچەرلەنگەن يەرگە تاشلىماق؛ ئىرغىتماق.
توپقا قاراپ تاش ئاتما (ماقال).
تاش ئاتقانغا قاش ئات (ماقال).
شىددەت بىلەن بىر يەرگە تاشلانماق.
ئېسەدەپ يىغلاۋاتقان مەريەم <ئاكا> دېگىنىچە زاكىرجاننىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى.
ئۇنىڭ ئاتقا مۇشتى تەگمىدى.
كۆچمە. چىقارماق، يايماق، ئېچىلماق: چېچەك ئاتماق.
تىتماق، پارچىلىماق.
پاختا ئاتماق. يۇڭ ئاتماق.
ئالتە ئاي ئاتقان پاختام بىر چاپانغا يەتمەپتۇ (ماقال).
پارتلاتماق.
تاغ ئاتماق. پوجاڭزا ئاتماق.
كۈچ بىلەن ئىتتىرىپ چىقارماق. ئۆرلىمەك.
قادىر دولقۇنلار ئۈستىگە دولقۇنلار ئېتىپ ئېقىۋاتقان دەريا بويىغا قاراپ ماڭدى.
بىرەر قورال ۋاستىسى ئارقىلىق ئوق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى چىقارماق. ئۈزمەك.
ئاتالمىغاننىڭ ئوقى ئالتە غۇلاچ كېتەر (ماقال).
بىرەر قورال ۋاستىسى ئارقىلىق يارىلاندۇرماق، ئۆلتۈرمەك.
ئاتىسى ئاتمىغان قوڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى (ماقال).
دادامنى ئۇلار ئېتىۋەتكەن.
مىدىرلاتماق، ئويناتماق.
ئالمىلىق باغقا كىرىپ، ئالما ئاتقان قارا كۆز، تال چىۋىقتەك ئېگىلىپ، قاشنى ئاتقان قارا كۆز.
يورۇماق، سۈزۈلمەك.
قادىر يېتىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن تاڭ ئاتتى.
ئاتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قولدىكى نەرسىنى شىلتىپ يىراققا ياكى مۆلچەرلەنگەن يەرگە تاشلىماق؛ ئىرغىتماق:[مىسال:] توپقا قاراپ تاش ئاتما (ماقال). * تاش ئاتقانغا قاش ئات (ماقال).[يەشمىسى:] ② شىددەت بىلەن بىرەر يەرگە تاشلانماق:[مىسال:] ئېسەدەپ يىغلاۋاتقان مەريەم «ئاكا» دېگىنىچە زاكىرجاننىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى. * ئۇنىڭ ئاتقان مۇشتى تەگمىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىقارماق، يايماق، ئېچىلماق:[مىسال:] چېچەك ئاتماق.[يەشمىسى:] ④ تىتماق ئالتا ئاي ئاتقان پاختام بىر چاپانغا يەتمەپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ پارتلاتماق:[مىسال:] تاغ ئاتماق. پوجاڭزا ئاتماق.[يەشمىسى:] ⑥ كۈچ بىلەن ئىتتىرىپ چىقارماق، ئۆرلىمەك:[مىسال:] قادىر دولقۇنلار ئۈستىگە دولقۇنلار ئېتىپ ئېقىۋاتقان دەريا بويىغا قاراپ ماڭدى.[يەشمىسى:] ⑦ بىرەر قورال ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئوق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى چىقارماق، ئۈزمەك:[مىسال:] ئاتالمىغاننىڭ ئوقى ئالتا غۇلاچ كېتەر (ماقال).[يەشمىسى:] ⑧ بىرەر قورال ۋاسىتىسى ئارقىلىق يارىلاندۇرماق، ئۆلتۈرمەك:[مىسال:] ئاتىسى ئاتمىغان قوڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى (ماقال). * دادامنى ئۇلار ئېتىۋەتكەن.[يەشمىسى:] ⑨ مىدىرلاتماق، ئويناتماق:[مىسال:] ئالمىلىق باغقا كىرىپ، ئالما ئاتقان قارا كۆز، تال چىۋىقتەك ئېگىلىپ، قاشنى ئاتقان قارا كۆز.[يەشمىسى:] 01 يورۇماق، سۈزۈلمەك:[مىسال:] قادىر يېتىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن تاڭ ئاتتى.