UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم ۋە مەشھۇر بولغان نىشان، شۆھرەت.
دۆلەتتىن ئاتاق ئارتۇق. ئاتىقى يوق ئەردىن ئوتى يوق يەر ياخشى. گۈزەل ئەخلاق تېرىساڭ، ئاتاق - داڭ يىغىسەن. كۆپنىڭ داڭقى كۆكنى يارار. ياخشى ئاتاق، ياخشى نام يىراققا تارقىلار.
جان تېپىلار، نام تېپىلماس. گۈزەل نام گۈزەل چىرايدىن ئەلا. جان كەتسە كەتسۇن، نام كەتمىسۇن.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① ئاتاق، نام؛ ② ناھايىتى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
نام - ئابرۇي، شۆھرەت، داڭق.
يامان ئاتاق بىلەن يۈرگەندىن، ياخشى ئاتاق بىلەن ئۆلگەن ئەۋزەل (ماقال).
قانداشلىق ياكى تويلىشىش مۇناسىۋىتى بولماي تۇرۇپ تۇغقانلىق نامى بىلەن يۈرگەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ.
ئاتاق ئاتا. ئاتاق بالا.
ئۇنۋان.
- مۇبارەك بولسۇن، ئۆزلىرىگە <ئالاھىدە دەرىجىلىك ئاشپەز> دېگەن ئىلمىي ئاتاق بېرىلىپتۇ! - دېدى مۇتەللىپ خۇشاللىق بىلەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئاتاق، نام، ئاتىماق
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
نام، شۆھرەت، ئاتاق، ئاتىماق.
ئاتاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نام-ئابرۇي، شۆھرەت، داڭق:[مىسال:] يامان ئاتاق بىلەن يۈرگەندىن، ياخشى ئاتاق بىلەن ئۆلگەن ئەۋزەل (ماقال).[يەشمىسى:] ② قانداشلىق ياكى تويلىشىش مۇناسىۋىتى بولماي تۇرۇپ تۇغقانلىق نامى بىلەن يۈرگەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ:[مىسال:] ئاتاق ئاتا. ئاتاق بالا.[يەشمىسى:] ③ ئۇنۋان:[مىسال:] مۇبارەك بولسۇن، ئۆزلىرىگە «ئالاھىدە دەرىجىلىك ئاشپەز» دېگەن ئىلمىي ئاتاق بېرىلىپتۇ دېدى مۇتەللىپ خۇشاللىق بىلەن.