UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قىسمى.
تېگىنى كۆرمەي سۇدىن ئۆتمە. چوڭ بېلىق سۇنىڭ تېگىدە ياشايدۇ. ئاستىدىكى ئاتنى ئالتە ئاي ئىزدەپتۇ. تاغارنى تۈۋىدە ئايىغۇچە، ئاغزىدا ئايا. چىراغ تۈۋىدى قاراڭغۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
نەرسىنىڭ تۆۋەن تەرىپى، تۈۋى.
ئۈست، ئۈستۈن، تۆپە
نەرسىنىڭ يۇقىرى تەرىپى.
بولمىغۇر گېپىڭنى كېسەكنىڭ ئاستىغا تىق. تاغ ئېگىز بولسىمۇ، كۈن بىلەن ئاينىڭ ئاستىدا. ئادەم ئۈستىدە ئاسمان بار، ئادەم ئۈستىدە ئادەم. ئاستىن ئاتۇشتىن چىقىپ، ئۈستۈن ئاتۇشقا باردۇق. ئاستىدىكىنى تالايدۇ، ئۈستىدىكىنى سىيلايدۇ. بېلىق سۇنىڭ تېگىدە ياشايدۇ. تېگى يوق يەر بولسا، ئۈستى يوق ئاسمانمۇ بار. تۆپىسى يوقنىڭ تېگىمۇ يوق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تار، كوچا.
چىگىلچە.
1 - 60
ئاست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ تەگ قىسمى، تۈۋى:[مىسال:] مەن بارغاندا ئۇ چېلەكنىڭ ئاستىغا يۇقۇپ قالغان لاينى تازىلاۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② نەرسىلەرنىڭ تۆۋەن قىسمىغا، تېگىگە يېقىن جاي؛ يېقىن ئەتراپى:[مىسال:] − ئالتىدىن ئون ئىككى جەڭچى تام ئاستىغا بېرىپ، تام كەينىگە بومبا تاشلىشى كېرەك، − دېدى ئۇ قولى بىلەن كۆرسىتىپ تۇرۇپ.[يەشمىسى:] ③ نەرسىلەر ئىگىلەپ، بېسىپ ياكى قاپلاپ تۇرغان جاي؛ نەرسىلەرنىڭ تېگىدىكى جاي ياكى بوشلۇق:[مىسال:] ئۇ ھويلىغا كىرىپ، باراڭنىڭ ئاستىدا ياتتى.[يەشمىسى:] ④ نەرسىلەرنىڭ ئىچكى قىسمى، ئىچى، ئارىسى: يەر ئاستى سۈيى. يەر ئاستى بايلىقلىرى. يەر ئاستى ئۆيى.