UyghurMain Dictionary
ئاشماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالدىغا ئۆتۈپ كەتمەك؛ داغ - داۋان، دەريا - سۇدىن ئۇ قاتقا ھالقىماق.
ئادەم ئادەمدىن ئاشسىمۇ ئەلدىن ئاشماس. قىمىرلىغان قىر ئاشار. ئۆمۈر بويى تىرىشقان ئادەم پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئۆتەر. مۇزدىن ئۆتسەڭ بالدۇر ئۆت، ئۆتكەننى كۆرۈسەن، سۇدىن ئۆتسەڭ كېيىن ئۆت، ئاققاننى كۆرۈسەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بارغا يەنە قوشۇلماق.
ھەممە نەرسە كۆپەيسە ئەرزانلايدۇ، بىلىم قانچە مول بولسا شۇنچە قىممەتلەيدۇ. ئىشلەپچىقىرىش يىلدىن - يىلغا ئارتماقتا، تەننەرخ يىلدىن - يىلغا چۈشمەكتە. بىلىم كۈنسېرى ئاشمىسا، ئۈزلۈكىسىز ئازلايدۇ. ئاش جىقلىسا، كۈچ ئاشىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئاشماق، كۆپەيمەك، ئارتماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مىقدار ياكى ھەجىم جەھەتتىن كۆپەيمەك: ئۆسمەك، ئارتماق.
ئۇنىڭ شەخسىي چارۋىسى 100 تۇياقتىن ئېشىپ كەتتى.
مەلۇم بىر پەيت، ۋاقىت چېكىدىن ئۆتۈپ كەتمەك.
ۋاقىت يېرىم كېچىدىن ئېشىپ كەتتى.
مال باھاسى ئۆسمەك، نەرخقە نەرخ قوشۇلماق.
ئۇنىڭ باھاسى ئەسلىي باھاسىدىن 70 يۈەن ئېشىپ كەتتى.
كۈچەيمەك، زورايماق.
ھەۋىسى ئاشتى. غېمىم ئاشتى. غەيرىتى ئاشتى.
تاكامۇللاشماق، مۇستەمكەملەنمەك، ياخشىلانماق؛ يۇقىرى كۆتۈرۈلمەك.
ئۇنىڭ لاۋازىمات خىزمىتىگە بولغان ئىشتىياقى ئاشاتتى.
بىرەر جەھەتتىن ياكى بىرەر ساھەدە باشقىلاردىن ئۆتۈپ كەتمەك، باشقىلارنى ئارقىدا قالدۇرماق.
يېزىمىزنىڭ چارۋا مەھسۇلاتى قوشنا يېزىلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئېشىپ كەتتى.
مەلۇم بىر توساق، چېگرا ياكى نىشانلانغان جايدىن ھالقىماق.
داۋاندىن ئاشماق.
يالغۇز قىر ئاشقۇچە، كۆپ داۋان ئاشار (ماقال).
ئاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مىقدار ياكى ھەجىم جەھەتتىن كۆپەيمەك: ئۆسمەك، ئارتماق:[مىسال:] ئۇنىڭ شەخسىي چارۋىسى 100 تۇياقتىن ئېشىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم بىر پەيت، ۋاقىت چېكىدىن ئۆتۈپ كەتمەك:[مىسال:] ۋاقىت يېرىم كېچىدىن ئېشىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ مال باھاسى ئۆسمەك، نەرخقە نەرخ قوشۇلماق:[مىسال:] ئۇنىڭ باھاسى ئەسلىي باھاسىدىن 70 يۈەن ئېشىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ④ كۈچەيمەك، زورايماق:[مىسال:] ھەۋىسى ئاشتى. غېمىم ئاشتى. غەيرىتى ئاشتى.[يەشمىسى:] ⑤ تاكامۇللاشماق، مۇستەھكەملەنمەك، ياخشىلانماق؛ يۇقىرى كۆتۈرۈلمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ لاۋازىمات خىزمىتىگە بولغان ئىشتىياقى ئاشاتتى.[يەشمىسى:] ⑥ بىرەر جەھەتتىن ياكى بىرەر ساھەدە باشقىلاردىن ئۆتۈپ كەتمەك، باشقىلارنى ئارقىدا قالدۇرماق:[مىسال:] يېزىمىزنىڭ چارۋا مەھسۇلاتى قوشنا يېزىلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئېشىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ⑦ مەلۇم بىر توساق، چېگرا ياكى نىشانلانغان جايدىن ھالقىماق:[مىسال:] داۋاندىن ئاشماق. * يالغۇز قىر ئاشقۇچە، كۆپ داۋان ئاشار (ماقال).