UyghurMain Dictionary
ئاشلىق
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئاشخانا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دانلىق زىرائەت دېنى.
ئۈنچە - مارجان تاش ئىكەن، ئارپا - بۇغداي ئاش ئىكەن. بولىدىغان ئاش كۆكىدىن مەلۇم. يېزا ئىگىلىكى _ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى، ئاشلىق _ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاشخانا.
ئوغۇزلار بۇغداينى « ئاشلىق» دەيدۇ.
1 - 154
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئاشخانا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئۇن چىقىرىلىدىغان، ئاش - تاماق قىلىنىدىغان دان.
دانلىق ئاشلىق.
ئىشلەپچىقىرىش دۈيىمىز يازلىق يىغىمدىلا 200 مىڭ جىڭ ئاشلىقنى ئامبارغا كىرگۈزدى.
سۈپ. ئاش بولىدىغان، ئاشقا يېتىلىدىغان (ئالدىغا ساناق سان ئېلىپ كەلگەندە).
ئۆيدە ئاران بىر ئاشلىق ئۇن قالغانىكەن، شۇڭا ئازراق ئۇن تارتىپ كېلەي دەپ ماڭدىم.
ئاشلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇن چىقىرىلىدىغان، ئاش-تاماق قىلىنىدىغان دان:[مىسال:] دانلىق ئاشلىق. * ئىشلەپچىرىش دۈيىمىز يازلىق يىغىمدىلا 200 مىڭ جىڭ ئاشلىقنى ئامبارغا كىرگۈزدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاش بولىدىغان، ئاشقا يېتىدىغان (ئالدىغا ساناق سان ئېلىپ كەلگەندە):[مىسال:] ئۆيدە ئاران بىر ئاشلىق ئۇن قالغانىكەن، شۇڭا ئازراق ئۇن تارتىپ كېلەي دەپ ماڭدىم.