UyghurMain Dictionary
ئاشكۆكى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۇراقلىق، غولى ۋە يوپۇرماقلىرى ئۇششاق خۇش بۇي بولىدۇ.
ئاشكۆكىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق، شىپالىق رولى بار. لېكىن كۆپ يېمەسلىك كېرەك، كۆپ يېسە مەنىنى كېمەيتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئاش + كۆكى
ئىسىم
كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدىغان، پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، يوپۇرماق ۋە غوللىرى ئالاھىدە خۇش پۇراق، ئاق چېچەكلەيدۇ، گۈلى كىچىك، رەڭگى ئاق، مېۋىسى دۈگىلەپ: <يۇمغاقسۈت> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئاشكۆكى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]〕ئاش+كۆكى〔[يەشمىسى:] كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىلىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدىغان، پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، يوپۇرماق ۋە غوللىرى ئالاھىدە خۇش پۇراق، ئاق چېچەكلەيدۇ، گۈلى كىچىك، رەڭگى ئاق، مېۋىسى دۈگىلەك؛ «يۇمغاقسۈت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.