UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئەڭ تۈپكى تەرىپى، تېگىگە دائىر.
زىددىيەت تەرەپلىرى ئىچىدە تىرىشىپ ئاساسىي تەرەپ تۇتۇلسا، مەسىلە ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدۇ. ئاۋۋال ئاساسىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك، باشقا مەسىلىلەرنى ئاندىن كېيىن، بىردىن - بىردىن ھەل قىلىش لازىم. زىددىيەتلەر ئىچىدە بىرى نېگىزلىك زىددىيەت بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئالاقىدار شەيئىلەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغان، ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان، ئالدىنقى قاتاردىكى، ئەھمىيەتلىك، تۈپ، باش.
ئاساسلىق زىددىيە. ئاساسلىق ئامىل. ئاساسلىق شەخس.
<خىم>
ئاساسقا ئوخشاش، تۈپ خۇسۇسىيەتكە ئىگە؛ ئاساسىي رول ئوينايدىغان.
ناترىي كاربونات كرىستالى (Na2 CO3. IO H2 O) نىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسى ئاساسلىق خۇسۇسىيەتنى ئىپادىلەيدۇ
ئاساسلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئالاقىدار شەيئىلەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغان، ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان، ئالدىنقى قاتاردىكى، ئەھمىيەتلىك، تۈپ، باش:[مىسال:] ئاساسلىق زىددىيەت. ئاساسلىق ئامىل. ئاساسلىق شەخس.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئاساسقا ئوخشاش، تۈپ خۇسۇسىيەتكە ئىگە؛ ئاساسىي رول ئوينايدىغان:[مىسال:] ناترىي كاربونات كرىستالى (Na2 CO3.IO H2 O) نىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسى ئاساسلىق خۇسۇسىيەتنى ئىپادىلەيدۇ.