UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئەڭ تۈپكى تەرىپى، تېگىگە دائىر.
زىددىيەت تەرەپلىرى ئىچىدە تىرىشىپ ئاساسىي تەرەپ تۇتۇلسا، مەسىلە ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدۇ. ئاۋۋال ئاساسىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك، باشقا مەسىلىلەرنى ئاندىن كېيىن، بىردىن - بىردىن ھەل قىلىش لازىم. زىددىيەتلەر ئىچىدە بىرى نېگىزلىك زىددىيەت بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ئەڭ مۇھىم، نېگىزلىك، ھەل قىلغۇچى رول ئوينايدىغان، ئالدىنقى قاتاردىكى، ئەھمىيەتلىكى؛ تۈپ، باش.
ئاساسىي زىددىيەت. ئاساسىي قانۇن.
دەسلەپكى، ئەقەللىي؛ ئومۇمىي.
ئاساسىي بىلىم. ئاساسىي ماھارەت. ئاساسىي چۈشەنچە.
ئاساسىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئەڭ مۇھىم، نېگىزلىك، ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان، ئالدىنقى قاتاردىكى، ئەھمىيەتلىكى؛ تۈپ، باش:[مىسال:] ئاساسىي زىددىيەت. ئاساسىي قانۇن.[يەشمىسى:] ② دەسلەپكى، ئەقەللىي؛ ئومۇمىي:[مىسال:] ئاساسىي بىلىم. ئاساسىي ماھارەت. ئاساسىي چۈشەنچە.