UyghurMain Dictionary
ئاسارۇن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
زىراۋەندە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقى يۈرەك شەكىللىك، گۈلى تۇتۇق سۆسۈن، يىلتىزى ناھايىتى ئىنچىكە، تەمى ئاچچىق بولۇپ، دورا قىلىنىدۇ؛ باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىش رولى بار.
ئاسارۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زىراۋەندە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقى يۈرەك شەكىللىك، گۈلى تۇتۇق سۆسۈن، يىلتىزى ناھايىتى ئىنچىكە، تەمى ئاچچىق بولۇپ، دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ يىلتىزلىق پۈتۈن چۆپىنىڭ تەبىئىتى 2-دەرىجىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇق ئىسسىق. يۇمشىتىش، تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، بۆرەك، تال ۋە جىنسىي ئەزانى قۇۋۋەتلەش مېڭە ۋە ئاشقازاننى ياخشىلاش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى ياخشىلاش، ھۆل سوغۇقتىن بولغان سەرئىي، لەقۋا، پالەچ، ئىستىرخا، تەشەننۇج (تارتىشىپ قېلىش)، بىھۇشلۇق، نېرۋا ئاجىزلىقى، بالىياتقۇ مەنبەلىك باش ئاغرىقى، ئۇنۇتقاقلىق قاتارلىقلارغا، ئۇندىن باشقا ھەر خىل سۇلۇق ياكى توسالغۇ مەنبەلىك ئىششىقلار، سىيىشنىڭ قىيىنلىشىشى، خۇن چىگىلىشىش، بۆرەك ۋە دوۋساقتا تاش پەيدا بولۇش، ھەر خىل چوڭ-كىچىك بوغۇم ئاغرىقلىرى ھەمدە ھۆللۈكتىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتلىدۇ. ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ. تۇخۇمەك بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.