UyghurMain Dictionary
ئارىلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئارىسىدىن، ئوتتۇرىسىدىن، ئىچىدىن ئۆتمەك، ئايلانماق، كەزمەك؛ كۆزدىن كەچۈرمەك.
باتۇر قاتار ئورۇندۇقلارنى ئارىلاپ ئۆتۈپ، يولۋاس شۇجىنىڭ قېشىغا كەلدى.
چېتىلما رەۋىداش شەكلىدە كېلىپ <مەلۇم ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ، ئاندا - ساندا، بەزى - بەزىدە> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇسسۇلچىلار ئۇسسۇل ئويناشتى. ئارىلاپ تانسىغا چۈشكۈچىلەرمۇ بولدى.
ئاجراتماق، توسماق، بېسىقتۇرماق.
ئىدرىس غەزەپ بىلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ سۇلايماننىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى، بۇ ۋاقىتتا ياقۇپ يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇلارنى ئارىلىدى.
بۆلمەك، سۆز قىستۇرماق (گەپ - سۆز ھەققىدە).
گەپ ئارىلىماق.
- ياق، - دېدى سۇلتان ئابدۇۋېلىنىڭ گېپىنى ئارىلاپ، - ئۇنداق قىلساق كۆپچىلىكنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرايمىز.
يوشۇرۇنۇپ كىرمەك، قوشۇلۇۋالماق.
ئۆينىڭ ئىچىدە ئۆزۈم، يىغلايدۇ قارا كۆزۈم. دۈشمەن ئارىلاپ قاپتۇ، ئۆتمەيدۇ مېنىڭ سۆزۈم.
ئاندا - ساندا پەيدا بولماق.
چاچ - ساقاللىرىنى ئاق ئارىلىغان پېشقەدەم دۈيجاڭ ئوتتۇرىدىن قوپۇپ، سادىقنىڭ قوللىرىنى ئالىقانلىرىغا ئالدى.
ئارىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئارىسىدىن، ئوتتۇرىسىدىن، ئىچىدىن ئۆتمەك، ئايلانماق، كەزمەك؛ كۆزدىن كەچۈرمەك:[مىسال:] باتۇر قاتار ئورۇندۇقلارنى ئارىلاپ ئۆتۈپ، يولۋاس شۇجىنىڭ قېشىغا كەلدى.[يەشمىسى:] ② چېتىلما رەۋىشداش شەكلىدە كېلىپ «مەلۇم ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ، ئاندا-ساندا، بەزى-بەزىدە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇسسۇلچىلار ئۇسسۇل ئويناشتى. ئارىلاپ تانسىغا چۈشكۈچىلەرمۇ بولدى.[يەشمىسى:] ③ ئاجراتماق، توسماق، بېسىقتۇرماق:[مىسال:] ئىدرىس غەزەپ بىلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ سۇلايماننىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى. بۇ ۋاقىتتا ياقۇپ يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇلارنى ئارىلىدى.[يەشمىسى:] ④ بۆلمەك، سۆز قىستۇرماق (گەپ-سۆز ھەققىدە):[مىسال:] گەپ ئارىلىماق. * ياق، دېدى سۇلتان ئابدۇۋېلىنىڭ گېپىنى ئارىلاپ، ئۇنداق قىلساق كۆپچىلىكنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرايمىز.[يەشمىسى:] ⑤ يوشۇرۇنۇپ كىرمەك، قوشۇلۇۋالماق:[مىسال:] [CRLF]ئۆينىڭ ئىچىدە ئۆزۈم، [CRLF]يىغلايدۇ قارا كۆزۈم. [CRLF]دۈشمەن ئارىلاپ قاپتۇ، [CRLF]ئۆتمەيدۇ مېنىڭ سۆزۈم.[يەشمىسى:] ⑥ ئاندا-ساندا پەيدا بولماق:[مىسال:] چاچ-ساقاللىرىنى ئاق ئارىلىغان پېشقەدەم دۈيجاڭ ئوتتۇرىدىن قوپۇپ، سادىقنىڭ قوللىرىنى ئالىقانلىرىغا ئالدى.