UyghurMain Dictionary
ئارىلاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىر - بىرىگە قوشۇلماق، بىرلەشمەك، بىرىكمەك.
ھەسەل بوۋاي ئۆز ۋاقتىدا قېچىرنى توختاتقان بولسىمۇ، ئون جىڭدىن ئارتۇق ئۇرۇق يۇمشاق توپىغا ئارىلىشىپ، يەردە چېچىلىپ ياتاتتى.
باشقىلارنىڭ سۆزىگە سۆز قاتماق، ئىشىغا قاتناشماق.
- ياق، بالىلىرىم، مەن بۇنىڭغا قوشۇلمايمەن، - دەپ ئارىلاشتى داۋۇت ئاكام.
ئالاقە قىلماق.
ياشلىقىم ئادەم بولغىنىمدىلا جەمئىيەتكە ئارىلاشتىم.
باردى - كەلدى قىلماق، مۇناسىۋەت باغلىماق.
ئۇ مەكتەپ قاراۋۇلىنىڭ ئوغلى بولۇپ، لۇتپۇللا بىلەن دېمەتلىك ئىدى ھەم قويۇق ئارىلىشاتتى.
ئارىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر-بىرىگە قوشۇلماق، بىرلەشمەك، بىرىكمەك:[مىسال:] ھەسەن بوۋاي ئۆز ۋاقتىدا قېچىرنى توختاتقان بولسىمۇ، ئون جىڭدىن ئارتۇق ئۇرۇق يۇمشاق توپىغا ئارىلىشىپ، يەردە چېچىلىپ ياتاتتى.[يەشمىسى:] ② باشقىلارنىڭ سۆزىگە سۆز قاتماق، ئىشىغا قاتناشماق:[مىسال:] ياق، بالىلىرىم، مەن بۇنىڭغا قوشۇلمايمەن، دەپ ئارىلاشتى داۋۇت ئاكام، [يەشمىسى:] ③ ئالاقە قىلماق:[مىسال:] ياشلىقىم تۈرمە ۋە تارىم ئەمگىكى بىلەن ئۆتۈپ كەتتى، قىرىق نەچچە ياشلىق ئادەم بولغىنىمدىلا جەمئىيەتكە ئارىلاشتىم.[يەشمىسى:] ④ باردى-كەلدى قىلماق، مۇناسىۋەت باغلىماق:[مىسال:] ئۇ مەكتەپ قاراۋۇلىنىڭ ئوغلى بولۇپ، لۇتپۇللا بىلەن دېمەتلىك ئىدى ھەم قويۇق ئارىلىشاتتى.