UyghurMain Dictionary
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
سۈپسۈزۈك، ئەزىز سۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پاكىز، چىمىرلاپ جىلۋە قىلىپ تۇرىدىغان سۇغا ئوخشاش؛ دەريا.
ئاقسۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قۇرۇلمىسى:]]ئاق+سۇ[[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] گۇاڭشۈينىڭ 9-يىلى (1883-يىلى) ئاقسۇ يېڭىشەھەر قەلئەسى ياسىلىپ، بۇ جاي باش مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي بولدى. بۇ جايغا (يېڭىشەھەرگە) «ئونسۇ» ئايمىقى تەسىس قىلىندى، شۇ يىلى بۇ جايغا ئاقسۇ ۋىلايىتى تەسىس قىلىندى. ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ كونىشەھەر، قاراشەھەر مەھكىمىلىرىنى ۋە ئۇچتۇرپان، كۇچار ئايماقلىرىنى باشقۇرىدىغان بولدى. گۇاڭشۈينىڭ 28-يىلى (1902-يىلى) ئونسۇ ئايمىقى ئونسۇ مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلدى. ئونسۇ مەھكىمىسى ئاقسۇ كونىشەھەر (ئونسۇ)، باي ۋە كەلپىن ناھىيىلىرىنى باشقۇرىدىغان بولدى. ئونسۇ مەھكىمىسىنىڭ ئۆزى بۈگۈنكى ئاقسۇ يېڭىشەھىرى ۋە ئاۋات ناھىيىلىرىنىڭ تەۋەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئەينى چاغدا، ئۇ يەردە 12 مىڭ 52 تۈتۈن، 55 مىڭ 202 نوپۇس بار ئىدى. جۇڭخۇا مىنگو يىللىرى (1913-يىلى) ئۇنسۇ مەھكىمىسى ئاقسۇ ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلدى. بۇ چاغدا ئاقسۇ ناھىيىسى يەنىلا ئاقسۇ يېڭىشەھىرى ۋە ئاۋات ناھىيىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 1928-يىلى ئاۋات ئۆز ئالدىغا ئايرىم ناھىيە بولدى. ئاقسۇ ناھىيىسى يەنىلا ئاقسۇ ۋىلايىتىگە تەۋە بولدى. 1983-يىلى ئاقسۇ ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسى بىلەن ئاقسۇ كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ «خۇڭچىپۇ» «خۇڭچىپۇ» (قىزىل بايراق شەجەرىسى) دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئەسلى يەر نامى «موللا قوغۇنچى» ئىدى. دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە تەجرىبە ئورمان مەيدانىنىڭ 5-، 6-دۈيلىرى قوشۇلۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك ئاقسۇ شەھىرى قۇرۇلدى. ئاقسۇ ناھىيىسى ئەمەلدىن قالدى. ھازىر ئاقسۇ شەھىرىگە ئىگەرچى، بەشتۈگمەن، قاراتال، توپىلىق، قۇمباش، ئايكۆل، توقاي قاتارلىق يەتتە يېزا قارايدۇ. 1986-يىلدىكى مەلۇمات بويىچە ئومۇمىي نوپۇسى 81 مىڭ 634، شەھەر رايونى نوپۇسى 19 مىڭ 114.[يەشمىسى:] ئاقسۇ شەھىرى شەرقىي ئۇزۇنلۇق 39°79~01°82 ۋە شىمالىي كەڭلىك 31°39~27°41 ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 18 مىڭ 5.264 كۋادرات كىلومېتىر. شەھەر رايونى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى 1080 كىلومېتىر. يېرى تىنما تۈزلەڭلىك بولۇپ، غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا پەسىيىپ بارىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 940 ~ 1410 مېتىر ئېگىز. ئاقسۇ دەرياسى ۋە دولان ئۆستىڭى شەھەر ئىچىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى 7 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر، ئۇنىڭدىن ئېتىز ئېرىقلارغا باشلىنىدىغىنى 1 مىليارد 240 مىليون كۇب مېتىر. تارىم دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا «يۇقىرى ئېقىن» سۇ ئامبىرى، شىمالىدا دولان سۇ ئامبىرى بار. ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سۇ سىغىمچانلىقى 148 مىليون كۇب مېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃8.9℃~4.11، 7-ئايدىكى تېمپېراتۇرىسى ℃7.23℃ ~ 2.26، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃5.8℃ ~ 5.9، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃7.40، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃6.27 بولىدۇ. كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 2862 ~ 2996 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 205 ~ 228 كۈن. ھۆل يېغىن مىقدارى 43 ~ 65 مىللىمېتىر. پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1890 مىللىمېتىر.