UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مودال سۆز: ئەپسۇسلانغان، پۇشايمان قىلغاندا ئېيتىلىدۇ.
ئەتتەڭ، ئۇ كۈنى بارماي خاتا قىلىپتىمەن. نادانغا ئېيتقان ئىست سۆزۈم، ئۆلۈككە يىغلىغان ئىست كۆزۈم. ئىسىت، ئۇنى ئالغان بولسام بوپتۇكەن. بىر ئىسىتتىن بىر ئەقىل قوشۇلار. گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار، ساقالنىڭ تېگىدە خەپ. ئۇنىڭ گېپى يالغانىكەن، خەپ، ئۇنىڭ گېپىگە كىرمىسەم بولغانىكەن. ئاھ دەرىخ، يارىمدىن ئايرىلار بولدۇم. ئاپلا، بۇ يەرگە كەلمىسەم بوپتىكەن. ئاپلاھۇئەكبەر، سۆزۈڭگە كىرمەي، مۇشۇ ھالغا چۈشتۈم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
ئاپلاھۇئەكبەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق. [يەشمىسى:] «ئاپلا»غا قاراڭ:[مىسال:] ئاپلاھۇئەكبەر. سۇلايمان قاتتىق خورسىنغان ھالدا قېيناتىسىغا تاپا قىلدى، − ھېچ بولمىسا، يا پۇلىنى، يا قەلەمنى ئېلىپ قالغان بولسىلىمۇ!