UyghurMain Dictionary
ئالماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئالماق؛ قولدا تۇتماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
نەرسىنى ئوچۇملاپ، سىقىملاپ ياكى بىرەر ئەسۋاب بىلەن تۇتۇپ قولغا كىرگۈزمەك.
چېلەكتىن سۇ ئالماق. يانچۇقتىن پۇل ئالماق. ئەكبەر تېلېفوننى قولىغا ئالدى.
قوبۇل قىلماق.
ئوقۇغۇچى ئالماق. ئىشقا ئالماق. ياتاققا ئالماق.
- دوختۇرلار مېنى ياتاققا ئالمىدى، - دېدى ئانا ئېڭرىغان ئاۋازى بىلەن …
بوشاتماق، بىكار قىلماق، چۈشۈرمەك.
ۋەزىپىدىن ئالماق.
قىرقىماق، كەسمەك، سۇغۇرۇپ چىقارماق.
چاچ ئالماق. تىرناق ئالماق. ساقال ئالماق.
قولغا كىرگۈزمەك، ئىگە بولماق، قازانماق، ھاسىل قىلماق، ئېرىشمەك.
دارامەت ئالماق، خامان ئالماق. ھوسۇل ئالماق. ساۋاق ئالماق. ئىلھام ئالماق.
يېمەك، ئىچمەك، ئىستېمال قىلماق.
بىر كۈنلۈك ھەمراھقا قىرىق كۈن سالام، دەپتىكەن، ھەرقايسىلىرىدىن ئارتۇق ئەمەس، قېنى ئالسىلا!
مەلۇم رەڭ، ھالەتنى ئۆزىگە سىڭدۈرمەك؛ پەيدا قىلماق.
رەڭ ئالماق. تۈس ئالماق. خاراكتېر ئالماق. كۆزىگە ياش ئالماق.
ئۆيلەنمەك.
خوتۇن ئالماق.
نەرسە - كېرەك سېتىۋالماق.
بۇ ئاياغنى نەچچە پۇلغا ئالدىڭىز؟
ئۈستىگە قويماق.
يەردە چېچىلىپ ياتقان كىتابلارنى يىغىپ جوزىغا ئالدىم.
بوشاتماق، چۈشۈرمەك، خالىي قىلماق.
مۈرىسىدىن خۇرجۇننى ئالماق. ھارۋىدىن ساندۇقنى ئالماق. ماشىنىدىن يەشىكنى ئالماق.
ئورۇنلاشتۇرماق، مەلۇم جاي ۋە ئورۇندا قويماق.
دالدىغا ئالماق. بىرەر سائەت قادىلىپ ئىشلىگەن بولساممۇ، ئىشقا بەرداشلىق بېرەلمەي چولاق تام سايىسىغا ئۆزۈمنى ئالدىم.
ئىگىلىمەك، ئىشغال قىلماق.
ئورۇن ئالماق. نام ئالماق. شەھەر ئالماق.
قاپلىماق ئورىماق.
ئوت ئالماق.
يامغۇر ئالەمنى بىر ئالدى.
يېڭى دەملەنگەن پولۇنىڭ ھىدى ئۆينى بىر ئالدى.
پەيدا قىلماق، ھاسىل قىلماق.
ئەت ئالماق. ياغ ئالماق. باش ئالماق.
كەلتۈرمەك.
ئەسكە ئالماق. ياغ ئالماق. ياش ئالماق.
يوقاتماق، كەتكۈزمەك.
زەھەرنى زەھەر ئالىدۇ (ماقال).
تەلەپ قىلماق، ئىزدىمەك؛ ۋاقىپلانماق: پىكىر ئالماق، جاۋاب ئالماق، دېرەك ئالماق. رۇخسەت ئالماق. ئىجازەت ئالماق.
خاتىرىلىمەك، رەسىمنى قالدۇرماق.
ئەنگە ئالماق. دەپتەرگە ئالماق. ھېسابقا ئالماق. سۈرەتكە ئالماق. نوتىغا ئالماق.
باسماق، ماڭماق.
قەدەم ئالماق، يول ئالماق.
مەھكەم تۇتماق، چىشلىمەك، كەسمەك.
بېلىدىن ئالماق. ياقىسىدىن ئالماق. ياقىسىدىن ئالماق. قۇلىقىدىن ئالماق.
قوشماق.
ئارىغا ئالماق. قاتارغا ئالماق.
ئىگە دەپ قارىماق.
ئىناۋەتكە ئالماق. ئېتىبارغا ئالماق. ھېسابقا ئالماق.
تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇلۇپ، ئۇلارنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
ئەۋج ئالماق. ئارىيەت ئالماق. ئۆچ ئالماق. باش ئالماق. كۈن ئالماق.
رەۋىشداش بىلەن كېلىپ تۆۋەندىكى مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: 1( ھەرىكەتنىڭ ئوبيېكتى ياكى ئۈنۈمنىڭ سۇبيېكت تەرەپكە يۆنىلىشى ياكى سۇبيېكت تەۋەلىكىگە ئۆتۈشىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇلار بۇ يىل ئىككى ئېغىز ئۆي سېلىۋالدى. 2) سۇبيېكتنىڭ ھەرىكەتتىن مەنپەئەتدار بولۇشنى بىلدۈرىدۇ:
تاماق يەۋېلىپ ئاندىن ئىشلەيلى.
3( ھەرىكەتنىڭ مەلۇم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئورۇنلىشىنى بىلدۈرىدۇ.
كۈچۈڭنىڭ بېرىدا ئىشلىۋال.
يامغۇر ياغقۇچە ئۆيگە يېتىۋالايلى.
4) ھەرىكەتنىڭ مۇداپىئە ئۈچۈن ياكى قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىشىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ ئولتۇرۇۋېلىپ ماڭغىلى ئۇنىمىدى.
5( بەزى پېئىللار بىلەن بىرىكىپ ھەرىكەتنىڭ يالغاندىن ئورۇنلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ: ئاڭلىمىغان بولۇۋېلىپ جىم ئولتۇرغىنىنى قاراڭلار ئۇنىڭ.
ئالماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① نەرسىنى ئوچۇملاپ، سىقىملاپ ياكى بىرەر ئەسۋاب بىلەن تۇتۇپ قولغا كىرگۈزمەك:[مىسال:] چېلەكتىن سۇ ئالماق. يانچۇقتىن پۇل ئالماق. ئەكبەر تېلېفوننى قولىغا ئالدى.[يەشمىسى:] ② قوبۇل قىلماق:[مىسال:] ئوقۇغۇچى ئالماق. ئىشقا ئالماق. ياتاققا ئالماق. * − دوختۇرلار مېنى ياتاققا ئالمىدى، − دېدى ئانا ئېڭرىغان ئاۋاز بىلەن.[يەشمىسى:] ③ بوشاتماق، بىكار قىلماق، چۈشۈرمەك:[مىسال:] ۋەزىپىدىن ئالماق.[يەشمىسى:] ④ قىرقىماق، كەسمەك، سۇغۇرۇپ چىقارماق:[مىسال:] چاچ ئالماق. تىرناق ئالماق. ساقال ئالماق.[يەشمىسى:] ⑤ قولغا كىرگۈزمەك، ئىگە بولماق، قازانماق، ھاسىل قىلماق، ئېرىشمەك:[مىسال:] دارامەت ئالماق، خامان ئالماق. ھوسۇل ئالماق. پايدا ئالماق. ئولجا ئالماق. بەھرى ئالماق. نەپ ئالماق. ساۋاق ئالماق. ئىلھام ئالماق.[يەشمىسى:] ⑥ يېمەك، ئىچمەك، ئىستېمال قىلماق:[مىسال:] − بىر كۈنلۈك ھەمراھقا قىرىق كۈن سالام، دەپتىكەن، ھەرقايسىلىرىدىن ئارتۇق ئەمەس، قېنى ئالسىلا![يەشمىسى:] ⑦ مەلۇم رەڭ، ھالەتنى ئۆزىگە سىڭدۈرمەك؛ پەيدا قىلماق:[مىسال:] رەڭ ئالماق. تۈس ئالماق. خاراكتېر ئالماق. كۆزىگە ياش ئالماق.[يەشمىسى:] ⑧ ئۆيلەنمەك:[مىسال:] خوتۇن ئالماق.[يەشمىسى:] ⑨ نەرسە-كېرەك سېتىۋالماق:[مىسال:] بۇ ئاياغنى نەچچە پۇلغا ئالدىڭىز[يەشمىسى:] 01 ئۈستىگە قويماق:[مىسال:] يەردە چېچىلىپ ياتقان كىتابلارنى يىغىپ جوزىغا ئالدىم.[يەشمىسى:] 11 بوشاتماق، چۈشۈرمەك، خالىي قىلماق:[مىسال:] مۈرىسىدىن خۇرجۇننى ئالماق. ھارۋىدىن ساندۇقنى ئالماق. ماشىنىدىن يەشىكنى ئالماق.[يەشمىسى:] 21 ئورۇنلاشتۇرماق، مەلۇم جاي ۋە ئورۇندا قويماق:[مىسال:] دالدىغا ئالماق. بىرەر سائەت قادىلىپ ئىشلىگەن بولساممۇ، ئىشقا بەرداشلىق بېرەلمەي چولاق تام سايىسىغا ئۆزۈمنى ئالدىم.[يەشمىسى:] 31 ئىگىلىمەك، ئىشغال قىلماق:[مىسال:] ئورۇن ئالماق. نام ئالماق. شەھەر ئالماق.[يەشمىسى:] 41 قاپلىماق، ئورىماق:[مىسال:] ئوت ئالماق. * يامغۇر ئالەمنى بىر ئالدى. * يېڭى دەملەنگەن پولۇنىڭ ھىدى ئۆينى بىر ئالدى.[يەشمىسى:] 51 پەيدا قىلماق، ھاسىل قىلماق:[مىسال:] ئەت ئالماق. ياغ ئالماق. ياش ئالماق.[يەشمىسى:] 61 كەلتۈرمەك:[مىسال:] ئەسكە ئالماق. يادىغا ئالماق. زېھىنگە ئالماق.[يەشمىسى:] 71 يوقاتماق، كەتكۈزمەك:[مىسال:] زەھەرنى زەھەر ئالىدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] 81 تەلەپ قىلماق، ئىزدىمەك؛ ۋاقىپلانماق: پىكىر ئالماق. جاۋاب ئالماق. دېرەك ئالماق. رۇخسەت ئالماق. ئىجازەت ئالماق.[يەشمىسى:] 91 خاتىرىلىمەك، رەسىمنى قالدۇرماق:[مىسال:] ئەنگە ئالماق. دەپتەرە ئالماق. ھېسابقا ئالماق. سۈرەتكە ئالماق. نوتىغا ئالماق.[يەشمىسى:] 02 باسماق، ماڭماق:[مىسال:] قەدەم ئالماق. يول ئالماق.[يەشمىسى:] 12 مەھكەم تۇتماق، چىشلىمەك، كەسمەك:[مىسال:] بېلىدىن ئالماق. ياقىسىدىن ئالماق. قۇلىقىدىن ئالماق.[يەشمىسى:] 22 قوشماق:[مىسال:] ئارىغا ئالماق. قاتارغا ئالماق.[يەشمىسى:] 32 ئىگە دەپ قارىماق:[مىسال:] ئىناۋەتكە ئالماق. ئېتىبارغائالماق. ھېسابقا ئالماق.[يەشمىسى:] 42 تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇلۇپ، ئۇلارنى پېئىللاشتۇرىدۇ:[مىسال:] ئەۋج ئالماق. ئارىيەت ئالماق. ئۆچ ئالماق. قىساس ئالماق. ھېساب ئالماق. تەسىر ئالماق. ئىمتىھان ئالماق. باش ئالماق. كۈن ئالماق.[يەشمىسى:] 52 رەۋىشداش بىلەن كېلىپ تۆۋەندىكى مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: [يەشمىسى:] 1) ھەرىكەتنىڭ ئوبيېكتى ياكى ئۈنۈمنىڭ سۇبيېكت تەرەپكە يۆنىلىشى ياكى سۇبيېكت تەۋەلىكىگە ئۆتۈشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇلار بۇ يىل ئىككى ئېغىز ئۆي سېلىۋالدى.[يەشمىسى:] 2) سۇبيېكتنىڭ ھەرىكەتتىن مەنپەئەتدار بولۇشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] تاماق يەۋېلىپ ئاندىن ئىشلەيلى.[يەشمىسى:] 3) ھەرىكەتنىڭ مەلۇم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئورۇنلىشىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] كۈچۈڭنىڭ بېرىدا ئىشلىۋال. * يامغۇر ياغقۇچە ئۆيگە يېتىۋالايلى.[يەشمىسى:] 4) ھەرىكەتنىڭ مۇداپىئە ئۈچۈن ياكى قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىشىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ ئولتۇرۇۋېلىپ ماڭغىلى ئۇنىمىدى.[يەشمىسى:] 5) بەزى پېئىللار بىلەن بىرىكىپ ھەرىكەتنىڭ يالغاندىن ئورۇنلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ: ئاڭلىمىغان بولۇۋېلىپ جىم ئولتۇرغىنىنى قاراڭلار ئۇنىڭ.