UyghurMain Dictionary
ئالىجوقا
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مىجەز - خۇلقى تۇراقسىز، تۇتامى يوق.
تەمكىن، ۋەزمىن، سالماق ، ئېغىر - بېسىق ، ئۆزىنى توختاتقان
مىجەز - خۇلقى تۇراقلىق ۋە تۇتاملىق.
تەمكىن پىل ھودۇققان ئاتتىن پەللىگە بالدۇر بارىدۇ. ۋەزمىن يىگىت ھۈرمەتكە لايىق. ئېغىر - بېسىق ئادەمنى شەيتان ئالدىيالمايدۇ. ئۆزىنى توختاتقان ئادەم - ئۇلۇغلۇققا قەدەم قويغان ئادەم. گاچىغا ئۇچرىغان ئالىجۇقىمۇ ھارىدۇ. شاللاق خوتۇنغا سوقۇر ئەر ياخشى. خوتۇنى شېتىلە بولسا، ئېرىنىڭ قارىغۇ بولغىنى ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئالدىراڭغۇ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان.
ئالىجوقا ئادەم
ئالىجوقا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئالدىراڭغۇ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان:[مىسال:] ئالىجوقا ئادەم.