UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالدىرغاندا قارغۇدىن يول سوراپتۇ. بۇيرۇغان ئالار، ئالدىرىغان قالار. ئالدىرىغان ئېدىرغا تاقىشار. ھودۇقماي - شاشماي ئىشلە، غەلبە سېنىڭ . ئاشىققان ئارقىسىدا قالار. پەخرىدىن پايپېتەك بولۇپ يۈردى. توي كۈنى ھەممە ئالدىراش، ئانىنىڭ پۇت - قولى يەرگە تەگمەي قالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر جايغا يېتىپ بېرىش ۋە بىرەر ئىشنى بېجىرىش ھەرىكىتىنى تېزلەشتۈرمەك؛ تېز يۈرمەك:
ئالدىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر جايغا يېتىپ بېرىش ۋە بىرەر ئىشنى بېجىرىش ھەرىكىتىنى تېزلەشتۈرمەك؛ تېز يۈرمەك:[مىسال:] ئۇ چىلىغان ناننىڭ يېرىمىنى يەپلا مەكتىپىگە ئالدىرىدى.[يەشمىسى:] ② توساتتىن يۈز بەرگەن ئىش-ھەرىكەت سەۋەبىدىن ھودۇقماق، ھاياجانلانماق، ئەنسىرىمەك:[مىسال:] جېلىل بوۋاي بۇنى ئاڭلاپ گويا بىر ئىش يادىغا چۈشكەندەك ئالدىراپ بانكىغا كىردى.