UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ۋاقىتىنىڭ باشلىنىش رېتى.
ئەرزان بەرگەن ئاۋۋال ساتار. ئاۋۋال ئويلا، كېيىن سۆزلە. ئالدى بىلەن ئېتىڭنى تاقىلا، ئاندىن يول ياقىلا. ئاتا - ئانىنى خارلىغان ئىلگىرى باسماس. بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن، كېيىن چىققان مۈڭگۈز يامان. بالدۇر بولسۇن، كېيىن بولسۇن. گۆش بىلەن پىچاق دوست بولسۇن. ھەر ئىشنىڭ مۇقەددىمىسى بار. ھەقامساينىڭ قىزىنى كۆرۈڭ، دەسلىپىدە بەردى كۆڭۈل، ئاخىرىدا نازىنى كۆرۈڭ.
ئالد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ كۆزەتكۈچىگە قاراپ تۇرغان قىسمى؛ يۈزى:[مىسال:] تاغنىڭ ئالدى شېغىل ئارىلاش شىبەن تاش ئىدى.[يەشمىسى:] ② ھۇزۇرى، ئۇدۇلى، قېشى:[مىسال:] مەخسۇت ئالىمنىڭ ئالدىغا كەلدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ياخشىسى، ئەلاسى، ئالغا باسقىنى:[مىسال:] باتۇر زاۋۇتىمىزدىكى يىگىتلەرنىڭ ئالدى.[يەشمىسى:] ④ بېشى، دەسلەپكىسى، ئاۋۋالقى:[مىسال:] باققالنىڭ ئالدى ياخشى، قاسساپنىڭ كەينى ياخشى (ماقال). * مانا، مېھمانلارنىڭ ئالدى كېلىشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ⑤ ئىلگىرى، ئاۋۋال، بۇرۇن:[مىسال:] بىز ئالدى بىلەن ئۆز خىزمىتىمىزنى كەمكۈتىسىز، تولۇق ئىشلىشىمىز كېرەك.[يەشمىسى:] ⑥ جىنسىي ئەزانىڭ سىلىقلاشتۇرۇلۇپ ئاتالغان يەنە بىر نامى.