UyghurMain Dictionary
ئاجىزلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
جىسمانىي جەھەتتىن زەئىپلەشمەك، ھالسىزلانماق؛ كۈچى، قۇۋۋىتى ئازايماق.
بەدەندە ئاقسىل ماددىسى ئازلاپ كەتسە، ئادەم ئاجىزلاپ، ھاياتى خەۋپكە يولۇقىدۇ.
بۇ يەرلەر بەك ئاجىزلاپ كەتكەچكە تۈزۈك ھوسۇل ئالالمايۋاتىمىز.
پەسلىمەك، بوشىماق، تۆۋەنلىمەك (ئاۋاز ھەققىدە).
بوۋاينىڭ ئاۋازى بارا - بارا ئاجىزلاپ كېتىۋاتاتتى.
خىرەلەشمەك، نۇرسىزلانماق.
ئۆي ئىچىدىكى جىنچىراغ ئاجىزلاپ - ئاجىزلاپ، ئاخىر ئۆچۈپ قالدى.
كۈچىدىن قالماق، ناچارلاشماق، ئىقتىدارى تۆۋەنلىمەك.
راستىنى ئېيتسام كۆزۈم ئاجىزلاپ قالغانمۇ، زادى سېنى تونۇيالمايۋاتىمەن.
ئاجىزلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① جىسمانىي جەھەتتىن زەئىپلەشمەك، ھالسىزلانماق؛ كۈچى، قۇۋۋىتى ئازايماق:[مىسال:] بەدەندە ئاقسىل ماددىسى ئازلاپ كەتسە، ئادەم ئاجىزلاپ، ھاياتى خەۋپكە يولۇقىدۇ. * بۇ يەرلەر بەك ئاجىزلاپ كەتكەچكە تۈزۈك ھوسۇل ئالالمايۋاتىمىز.[يەشمىسى:] ② پەسلىمەك، بوشىماق، تۆۋەنلىمەك (ئاۋاز ھەققىدە):[مىسال:] بوۋاينىڭ ئاۋازى بارا-بارا ئاجىزلاپ كېتىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ③ خىرەلەشمەك، نۇرسىزلانماق:[مىسال:] ئۆي ئىچىدىكى جىنچىراغ ئاجىزلاپ-ئاجىزلاپ، ئاخىر ئۆچۈپ قالدى.[يەشمىسى:] ④ كۈچىدىن قالماق، ناچارلاشماق، ئىقتىدارى تۆۋەنلىمەك:[مىسال:] راستىنى ئېيتسام كۆزۈم ئاجىزلاپ قالغانمۇ، زادى سېنى تونۇيالمايۋاتىمەن.