UyghurMain Dictionary
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ماغدۇرسىز، زەئىپ.
كۈچسىز بوش:
ئول ديكان شەرھىن قىلاي ئەمدى رەقەم،
گەرچە ئەۋسافىدا ئاجىزدۇر قەلەم.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاجىز، كۈچسىز؛ مىيىپ؛ قارغۇ، كۆزى كۆرمەس كىشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈچ - قۇۋۋىتى ئاز.
ئاجىز دۈشمەنمۇ يادىڭدا بولسۇن. قىز بالا ئاجىز نېمە، ئانىسىدىن ئايرىلمىسۇن. كېسەل ئاجىزغا ئېجىل. زەئىپ بولساڭمۇ، رەزىل بولما. مەزلۇمغا زۇلۇم سالغاندىن ئارتۇق رەزىللىك يوق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈچ - قۇۋۋىتى يېتەرسىز.
قاۋۇل، تېمەن، زەبەردەست، تەمبەل
كۈچ - قۇۋۋىتى يېتەرلىك.
قاۋۇل ئالتە بالىنى ئىشچان ئاتا باقىدۇ. تەمبەل تەنگە باغلىق. تېمەن تېنىمەس. زەبەردەست يىگىت دۈشمەنگە تەسلىم بولمايدۇ. ئاجىز دۈشمەنمۇ يادىڭدا بولسۇن. كېسەل ئاجىزغا ئېجىل. قالىغاچ قارا نېمە، قاناتىدىن ئايرىلمىسۇن، قىز بالا ئاجىز نېمە، ئاناسىدىن ئايرىلمىسۇن. زەئىپ بولساڭمۇ رەزىل بولما. ئۇ پۈۋ دېسە ئۇچۇپ كېتىدىغان ئاجىز ئادەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
جىسمانىي جەھەتتىن كۈچسىز، زەئىپ، قۇۋۋەتسىز.
ئاجىز ئايال. تېنى ئاجىز.
ئامالسىز، ئىلاجسىز، نائىلاج، يار - يۆلەكسىز.
خوش، ھەق سۆزنى قىلدىم بېگىم. ئاجىز پۇقرانىڭ تەلىپىنى يەتكۈزدۈم. ئويلاپ كۆرسىلە، قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ - دە!
پەس، بوش، كۈچسىز (ئاۋاز ھەققىدە).
قاياقتىندۇر، ناھايىتى ئاجىز يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى.
خىرە، نۇرسىز.
ئاينىڭ ئاجىز نۇرى ئۆي ئىچىگە تۈڭلۈكتىن چۈشۈپ تۇراتتى.
مەلۇم جەھەتلەردە ئىقتىدارىنى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يوقاتقان، تۆۋەنلىگەن.
ئېلىشانىڭ كۆزى ئاجىز ئىدى.
ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچى يېتەرسىز، كەم.
ئۇ ئاجىز دۆلەت.
ئارقىدا قالغان، ناچار، تۆۋەن، يېتەرسىز.
دەرستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلارغا ھەركۈنى بىرەر سائەت قوشۇمچە ئۆگىنىش قىلىپ بېرىۋاتىمەن.
ئاجىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① جىسمانىي جەھەتتىن كۈچسىز، زەئىپ، قۇۋۋەتسىز:[مىسال:] ئاجىز ئايال. تېنى ئاجىز.[يەشمىسى:] ② ئامالسىز، ئىلاجسىز، نائىلاج، يار-يۆلەكسىز:[مىسال:] خوش، ھەق سۆزنى قىلدىم بېگىم، ئاجىز پۇقرانىڭ تەلىپىنى يەتكۈزدۈم، ئويلاپ كۆرسىلە، قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ-دە[يەشمىسى:] ③ پەس، بوش، كۈچسىز (ئاۋاز ھەققىدە):[مىسال:] قاياقتىندۇر، ناھايىتى ئاجىز يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى.[يەشمىسى:] ④ خىرە، نۇرسىز:[مىسال:] ئاينىڭ ئاجىز نۇرى ئۆي ئىچىگە تۈڭلۈكتىن چۈشۈپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ⑤ مەلۇم جەھەتلەردە ئىقتىدارىنى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يوقاتقان، تۆۋەنلىگەن:[مىسال:] ئېلىشانىڭ كۆزى ئاجىز ئىدى.[يەشمىسى:] ⑥ ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچى يېتەرسىز، كەم:[مىسال:] ئۇ ئاجىز دۆلەت.[يەشمىسى:] ⑦ ئارقىدا قالغان، ناچار، تۆۋەن، يېتەرسىز:[مىسال:] دەرستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلارغا ھەركۈنى بىرەر سائەت قوشۇمچە ئۆگىنىش قىلىپ بېرىۋاتىمەن.