UyghurMain Dictionary
ئاغىز
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئېغىز.
دەريا، تۇلۇم، كوزا، كۇپ، قۇدۇق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ ئاغزى.
1 - 77
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئېغىز.
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئاغزى. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئاغز يېسە كۆز ئۇيازۇر _ ئېغىز يىسە، كۆز ئۇيىلار. بۇ ماقال بىراۋنىڭ بىرەر نەرسىسىنى يىگەن ياكى ئالغان، ئەمما ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقالماي خىجالەتتە قالغان كىشىگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
1 - 77
ئاغىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىككى لەۋ ئوتتۇرىسىدىكى ئوزۇقلىنىدىغان، سۆزلەش ياكى ئاۋاز چىقىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بوشلۇق:[مىسال:] دىۋە ئاغزىنى ئېچىپ، قىزغا ھۇجۇم قىلدى.[يەشمىسى:] ② ئىككى لەۋ ۋە ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە تېگىپ تۇرغان جايى، ئەتراپى:[مىسال:] ئاغزىغا سۆيۈپ قويماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سۆزلىگۈچى كىشى؛ ئادەم:[مىسال:] كۆپ ئېغىز بىر بولسا، بىر ئېغىز يېڭىلىدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ④ ئېتىش قوراللىرىنىڭ ئوق ئېتىلىپ چىقىدىغان تۆشۈكى:[مىسال:] مىلتىق ئاغزى، زەمبىرەك ئاغزى.[يەشمىسى:] ⑤ ئىچى بوش، كاۋاك بولغان نەرسىلەرنىڭ كىرىش-چىقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان جايى، تۆشۈكى:[مىسال:] قۇدۇقنىڭ ئاغزى. تاغارنىڭ ئاغزى. * قىشلىق كۆكتات ئورىسىنىڭ ئاغزى مەھكەم ئېتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئورىدىكى كۆكتاتلار مۇزلاپ قالدى.[يەشمىسى:] ⑥ مەلۇم جاينىڭ باشلىنىش، كىرىش-چىقىش جايى:[مىسال:] كوچا ئاغزى. * بىز ئىككىمىز بازار كۈنى شەھەر كوچىسىنىڭ ئاغزىغا يېتىپ كېلىشىمىزگىلا توخۇ-تۇخۇم سېتىۋالىدىغانلار ئالدىمىزغا يۈگۈرۈپ كېلىشتى.