UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەتتىكىدەك، ئومۇمىدىن ئانچە پەرق قىلمايدىغان.
ئاددىي ياشا، ئوغرىلىق قىلما. ساددا ئادەم ساختىلىق قىلماس. ئاددىي - ساددا تۇرمۇش ئادەمنى روھىي خۇشاللىققا ئىگە قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ئادەتتىكى، باشقىلاردىن ئانچە كۆپ پەرق قىلمايدىغان؛ ھەر ۋاقىت بولۇپ، ئۇچراپ تۇرىدىغان، ئانچە مۇرەككەپ بولمىغان.
ئاددىي گەپ. ئاددىي ئۆي.
ئاڭلاشقا، چۈشىنىشكە، ھەل قىلىشقا ئاسان، ئوڭاي بولغان.
ئاددىي سوئال. ئاددىي ئىش.
مۇدىر مۇراسىم باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە ئاددىي سۆز قىلدى.
لايىقىدا ئەمەس، ئاز نەرسە بىلەن.
ئاياللار ئۆز ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ: - مۇشۇنداق ئاددىي كېلىپ قالدۇق، ئۆزلىرىنىڭ لايىقىدا بولماي قالدى، - دېيىشتى ۋە قوللىرىنى كۆكسىگە جۈپلەپ ئۆي ئىگىسىگە سالام بېرىشتى.
سەل، بوش، مۇرەككەپ ئەمەس.
ئاددىي رەختتىن كىيىم كىيىۋالغان بۇ جۇۋان 48 ياشلارغا كىرگەنىدى.
ئاددىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئادەتتىكى، باشقىلاردىن ئانچە كۆپ پەرق قىلمايدىغان؛ ھەر ۋاقىت بولۇپ، ئۇچراپ تۇرىدىغان، ئانچە مۇرەككەپ بولمىغان: ئاددىي گەپ. ئاددىي ئۆي.[يەشمىسى:] ② ئاڭلاشقا، چۈشىنىشكە، ھەل قىلىشقا ئاسان، ئوڭاي بولغان: ئاددىي سوئال. ئاددىي ئىش. * مۇدىر مۇراسىم باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە ئاددىي سۆز قىلدى.[يەشمىسى:] ③ لايىقىدا ئەمەس، ئاز نەرسە بىلەن: ئاياللار ئۆز ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ: مۇشۇنداق ئاددىي كېلىپ قالدۇق، ئۆزلىرىنىڭ لايىقىدا بولماي قالدى، دېيىشتى ۋە قوللىرىنى كۆكسىگە جۈپلەپ ئۆي ئېگىسىگە سالام بېرىشتى.[يەشمىسى:] ④ سەل، بوش، مۇرەككەپ ئەمەس: ئاددىي قارىماق. ئاددىي چاغلىماق. ئاددىي ئاتالغۇلۇق سان.[يەشمىسى:] ⑤ سۈپەت. جەھەتتىن يېتەرلىك بولمىغان، ئانچە ياخشى ئەمەس: ئاددىي رەختتىن كىيىم كىيىۋالغان بۇ جۇۋان 48 ياشلارغا كىرگەنىدى.