ئې[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ئوتتۇزىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن ئوتتۇزىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.[CRLF]«ئې» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «ئې∥ې»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ئې»، باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ې»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ې»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «ئې».[CRLF]«ئې» تاۋۇش تەلەپپۇز قىلىغاندا پەيدا بولۇش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن سوزۇق تاۋۇشقا تەۋە بولۇپ، ئۇ تىل ئورنى ۋە تىلدىكى رولى جەھەتتىن ئارا سوزۇق تاۋۇش، لەۋ ھالىتى جەھەتتىن لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئېچىلىش-يېپىلىش دەرىجىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى جەھەتتىن سەل ئېگىز سوزۇق تاۋۇش.[CRLF][CRLF]«ئې» تاۋۇشنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى[CRLF][CRLF]1. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم سۆزلەردىكى «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى مىڭ يىلدىن بۇيانقى تارىخىي ئۆزگىرىش جەريانىدا، تۈپ سۆز شەكلىدە ۋە قوشۇمچە قوشۇلغاندىمۇ «ئې» تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىدۇ. ئاجىزلاشقىنى بويىچە يېزىلىدۇ ۋە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]ئەسلىسى ئىملاسى تەلەپپۇزى[CRLF]ئاغىر ئېغىر ئېغىر[CRLF]ئارىخ ئېرىق ئېرىق[CRLF]ئەشەك ئېسەك ئېشەك[CRLF]چەچەك چېچەك چېچەك[CRLF]2. «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە «ئى» بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، مەزكۇر بوغۇم ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قىلىپ، بوغۇمنىڭ ئۇرغۇسى كېيىنكى بوغۇملارغا يۆتكەلسە، «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى ئاجىزلىشىپ «ئې» تاۋۇشىغا ئۆزگىرىدۇ، ئىملادا شۇ بويىچە يېزىلىدۇ ھەم شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]قاش-قېشى، كەل-كېلىش، ئال-ئېلىش، تەر-تېرىش، سال-سېلىش[CRLF]3. رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئالدىنقى بوغۇمىدا «ې»، كېيىنكىسىدە «ا، و» قاتار كەلگەن سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن ئىملاسى ئوخشاش بولىدۇ، بۇ ئەھۋالدا سوزۇق تاۋۇشلار ئارىسىغا «ي» قوشۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنمايدۇ. مەسىلەن:[CRLF]رېياكسىيە (ئەمەس) رېئاكسىيە[CRLF]گېيومېتىرىيە (ئەمەس) گېئومېتىرىيە[CRLF]رېيال (ئەمەس) رېئال[CRLF]فېيودالىزم (ئەمەس) فېئودالىزم