UyghurMain Dictionary
خۇشياقماس
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
خۇش + ياقماس
سۈپەت
ئىشقا خۇشى، مايىللىقى، قىزغىنلىقى يوق، ھۇرۇن.
خۇشياقماس ئادەم.
<ئىش خۇشياقماس جابدۇق بۇزار> دېگەندەك، گايىت ئىشلەتكەن ئۇلاغ، ھارۋا جابدۇقلىرىنى پەقەت ئاسىرىمايتتى.
قىزىقارلىق ئەمەس، يارىماس.
شۇ كۈندىن باشلاپ قەمەرنىساخاننىڭ دۇتارنى چېكىپ ئولتۇرۇپ ئېيتىدىغان شوخ ناخشىلىرى بىلەن قاش - كۆزلىرىنى سۈزۈپ ئەركىلەشلىرىمۇ ئۇنىڭغا خۇشياقماس بولۇپ قالدى.
خۇشياقماس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]خۇش+ياقماس[[يەشمىسى:] ① ئىشقا خۇشى، مايىللىقى، قىزغىنلىقى يوق، ھۇرۇن:[مىسال:] خۇشياقماس ئادەم. «ئىش خۇشياقماس جابدۇق بۇزار» دېگەندەك، گايىت ئىشلەتكەن ئۇلاغ، ھارۋا جابدۇقلىرىنى پەقەت ئاسرىمايتتى.[يەشمىسى:] ② قىزىقارلىق ئەمەس، يارىماس:[مىسال:] شۇ كۈندىن باشلاپ قەمەرنىساخاننىڭ دۇتارنى چېكىپ ئولتۇرۇپ ئېيتىدىغان شوخ ناخشىلىرى بىلەن قاش-كۆزلىرىنى سۈزۈپ ئەركىلەشلىرىمۇ ئۇنىڭغا خۇشياقماس بولۇپ قالدى.