UyghurMain Dictionary
خۇمار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەستلىكتىن كېيىنكى باش ئاغرىقى:
زور ئارزۇ، مۇستاقىلىق:
1. ئۆلگۈدەكدۇرمەن خۇمارىم رەنجىدىن، ئەي پىرى دەير،
رەھم ئېتىپ ئاغزىمغە قەترە مەي تامىز چىقماستا جان.
مەھزۇن.
2. ھافىزا، ئىچكەي ئىدىم بۇ جامى جاندىن بادەلەر،
بى رنەفەس سورسە ئىدى ئول لەئلى خۇمارىم مېنىڭ.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يېرىم مەس ھالەت، مەسلىكتىن كېيىنكى باش ئايلىنىش؛ مەسلىكتىكى كۆزنىڭ خۇمارلىشىشى؛ خۇمار ئالود - شىر كەيپ؛ خۇمارزەدە - مەس، شىر كەيپ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەتلىنىشتىن قاتتىق بېرىلىپ كېتىش.
كېچە سالقىن بولسىمۇ، ئالەم كۈندۈزگە خۇمار. خوتۇنغا خۇمارنىڭ نېمە ئىشى، كالىغا تۇمارنىڭ نېمە ئىشى. ئاخشام ئىچكەن سىنچاينىڭ ئەمدى تۇتتى خۇمارى. كەيپكە بېرىلىش كەيپنى بۇزىدۇ. كەيپ زەئىپلىككە ئاپارىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. ئادەتلىنىش تۈپەيلى بىرەر نەرسىگە قارىتا كۆڭلىدە ھاسىل بولان كۈچلۈك بىر خىل تەشنالىق؛ زور ئىستەك.
خۇمارى تۇتماق. خۇمارى يېشىلمەك.
سۈپ. بىرەر نەرسىگە ئېرىشىشكە ئىشتىياق باغلىغان؛ ياخشى كۆرىدىغان، ھەۋەس قىلىدىغان.
گۈل خۇمار ئادەم. ناخشا خۇمار گەپ خۇمار. ئادەم خۇمار.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
خۇمارخان، خۇمارقىز
خۇمارلىق سېغنماق، خۇمار قىلىنغۇچى، ئەسلەنگۈچى، يادىكار
خۇمار[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەتلىنىش تۈپەيلى بىرەر نەرسىگە قارىتا كۆڭلىدە ھاسىل بولغان كۈچلۈك بىر خىل تەشنالىق؛ زور ئىستەك:[مىسال:] خۇمارى تۇتماق. خۇمارى يېشىلمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە ئېرىشىشكە ئىشتىياق باغلىغان؛ ياخشى كۆرىدىغان، ھەۋەس قىلىدىغان:[مىسال:] گۈل خۇمار ئادەم. ناخشا خۇمار. گەپ خۇمار. ئادەم. خۇمار.