UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوخشىتىش مەنىسىدە كېلىپ، ئوخشىتىشنى كۈچۈيتىدۇ.
خۇددى تۇلۇن ئايدەك چىرايلىق بىر قىزنى كۆردۈم. ئۇ گويا ھېچنېمە بولمىغاندەك تۇراتتى. گوياكى جىمى ئالەم قاراپ تۇرغاندەك سېزىلدى ئۇنىڭغا. ئەل بىلەن ئۆلۈم بەجايىكى توي. بۇ بالا بەئەينى ئانىسىغا ئوخشاپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
پارىسچە
ھېچبىر ئۆزگىچىلىكى يوق؛ قۇيۇپ قويغاندەك؛ بەئەينى، گويا، ئەينەن.
ئۇ بالا خۇددى دادىسىغا ئوخشايتتى.
دەل.
خۇددى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، ھېلىقى يىگىت بۇلبۇلگويا تۇرغان باغقا قاراپ مېڭىپتۇ.
جۈملىنىڭ ئوخشاشلىقىنى بىلدۈرىدىغان بۆلەكلىرىنىڭ ئالدىدا كېلىپ، <- دەك، تەك>، <ئوخشاش> سۆزلىرى بىلەن ماسلىشىپ، ئوخشاشلىقنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇ خۇددى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك سۆزلەۋاتاتتى.
خۇددى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ھېچبىر ئۆزگىچىلىكى يوق؛ قۇيۇپ قويغاندەك؛ بەئەينى، گويا، ئەينەن:[مىسال:] ئۇ بالا خۇددى دادىسىغا ئوخشايتتى.[يەشمىسى:] ② دەل:[مىسال:] خۇددى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، ھېلىقى يىگىت بۇلبۇلگويا تۇرغان باغقا قاراپ مېڭىپتۇ، [يەشمىسى:] ③ جۈملىنىڭ ئوخشاشلىقىنى بىلدۈرىدىغان بۆلەكلىرىنىڭ ئالدىدا كېلىپ، «-دەك، -تەك»، «ئوخشاش» سۆزلىرى بىلەن ماسلىشىپ، ئوخشاشلىقنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] ئۇ خۇددى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك سۆزلەۋاتاتتى.