خرومىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال، يەنى خروم بىلەن تۆمۈرنىڭ ئوكسىدى. (Cr2O3FeO) ئاساسلىق تەركىبى خروم بولۇپ، توق قوڭۇر كېلىدۇ. كۆپىنچە دانىچە، كاللەك ۋە پۇرچاق شەكىللىرىدە ئۇچرايدۇ، سانائەتتە مېتاللورگىيىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە بوياق ئىشلەشكە بولىدۇ.