خروم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى (Chromium)Cr. ئۇ بىر خىل كۈمۈشكە ئوخشاش كۈل رەڭ كرىستال ماددا بولۇپ، قاتتىق ۋە چۈرۈك كېلىدۇ. ئادەتتە داتلاشماس پولات ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك پولات ئىشلەشتە خام ئەشيا قىلىنىدۇ. سانائەتتە تۆمۈر، مانگان ۋە خروملار قارا مېتال ھېسابلىنىدۇ.