خوتۇنلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خوتۇنى بار، ئۆيلەنگەن:[مىسال:] ئىككى خوتۇنلۇق ئادەم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم ئەرنىڭ نىكاھىدا بولۇش، خوتۇن قىلىنىش:[مىسال:] خوتۇنلۇققا ئالماق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خوتۇن-قىزلارغا خاس، خوتۇنلاردا بولىدىغان:[مىسال:] بەزىدە رۇقىيەنىڭ خوتۇنلۇق غۇرۇرىغا ئاھانەت بولغۇدەك ئىشلارمۇ سادىر بولاتتى.