دۇنيا تارىخىقەدىمكى يۇنان شەھەر بەگلىكلىرى ۋە ماكېودنىيىدىكى بىر خىل ئېغىر قوراللانغان پىيادە ئەسكەرلەر. ئۇلارنىڭ قورال - جابدۇقى ئىچىدە دوبۇلغا ۋە ساۋۇتتىن باشقا يەنە خەنجەر، نەيزە ۋە قالقانمۇ بار. ئادەتتە بۇلارنى ئەسكەرلىككە كىرگۈچىلەر ئۆزى تەييارلايدۇ، شۇڭا خوپلىتېلار كۆپىنچە مۈلۈكدارلاردىن كېلىدۇ. رىمدىكى ئېغىر قوراللانغان پىيادە ئەسكەرلەر لىگونارىلار دەپ ئاتىلاتتى.