ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى(ئەرەبچە خمسە، بەش، بەشلىك سۆزىدىن)
بەش مۇستەقىل داستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەر. خەمسە يېزىشقا ئەزەربەيجان شائىرى نىامى (1141 - 1203) ئاساس سالغان. ئۇنىڭ تۈرلۈك دەۋرلەردە يېزىلغان بەش داستانى (<مەھزانۇل ئەسرار>، <خىسراۋ ۋە شېرىن>، <لەيلى ۋە مەجنۇن>، <ھەپتە پەيكەر> ۋە <ئىسكەندەرنامە>) بىر كىتاب قىلىنىپ، <پەنج گەنج> (<بەش خەزىنە>) نامىنى ئالغانىدى. بۇ بەش داستان <خەمسە> نامى بىلەن شۆھرەت ئالغانىدى. بۇ بەش داستان <خەمسە> نامى بىلەن شۆھرەت قازاندى. شەرق خەلقلىرى ئەدەبىياتىدا خەمسە يارىتىش ئەنئەنىگە ئايلانغان، نىزامىدىن كېيىن خەمسىچىلىكتە ھىندىستانلىق شائىر خىسراۋ دېھلىۋى (1252 - 1325)، تاجىك شائىرى ئابدۇراخمان جامى (1414 - 9214) ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك شائىرى ناۋايى (1441 - 1501) ناھايىتى كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. ناۋايىنىڭ <خەمسە> سى <ھەيراتۇل ئەبرار> (ياخشى كىشىلەرنىڭ ھەيرەتلىشىشى)، <پەرھات ۋە شېرىن>، <لەيلى ۋە مەجنۇن>، <سەبئائى سەييار> (يەتتە سەييارە) ۋە <سەددى ئىسكەندەر> داستانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خەمسە يېزىش ئېپىك تىل سەنئىتى تەرەققىياتىدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/717
بۇ توپلامغا <لەيلى - مەجنۇن>، <پەرھاد - شېرىن> قاتارلىق بەش داستان كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئاپتورى: ناۋايى. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 30 × 23 سانتىمېتىر، 231 بەت. چاغاتايچە، قول يازما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەدەبىيات
بەش مۇستەقىل داستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەر.