خاۋاتىرلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تەشۋىشكە چۈشمەك، تەشۋىشلەنمەك؛ قايغۇرماق:[مىسال:] گايىتئاخۇن خاۋاتىرلانغان ھالدا ئابلىزغا قارىدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىدىن خەۋپسىرىمەك، چۆچۈمەك، قورقماق:[مىسال:] ئالماس ئاكىنىڭ ئاچچىق ئەلەم بىلەن توۋلىغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتكەن مەلىكە ھەدە خاۋاتىرلىنىپ قالدى.