UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوشۇرۇن، كۆپكە مەلۇم ئەمەس.
ئازمىغان گۇناھتىن خالىي بولار. خىلۋەت جايدا خەير بار. ئارتۇقچە كەمتەرلىك پىنھان تەكەببۇرلۇقتۇر. ئاغلاق يېر _ خىلۋەت يەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. ئىچى ئادەم ياكى نەرسىلەر بىلەن بەند بولمىغان، بوش، بىكار.
ئۆيدىكىلەر دىلشاتنىڭ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشى ئۈچۈن بىر ئۆينى خالىي قىلىپ بەردى.
سۈپ. كىشى نەزىرىدىن، كۆزىدىن يىراق؛ چەت، خىلۋەت.
قاراقچى خالىي يەردە ئالار، يانچۇقچى توپ ئىچىدە (ماقال).
سۈپ. ھېچكىم يوق، يالغۇز، ئايرىم.
كەچقۇرۇن بەختىگۈل بىلەن رىشىت خالىي قالدى.
ئى. ھېچكىم يوق جاي، يەر؛ خىلۋەت يەر، دالدا جاي.
مەن سىز بىلەن خالىيدا گەپلەشمەكچى.
سۈپ. چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن ئىسىملاردىن كېيىن كېلىپ، <مۇناسىۋەتسىز، ئالاقىسىز، مۇستەسنا، ئازاد> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
تۆتىنچى قىز يۇقىرىقى ئۈچ قىزدا كۆرۈلگەن خۇسۇسىيەتلەردىن خالىي ئىدى.
سۈپ. <ئەمەس> سۆزى بىلەن بىللە قوللىنىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى چىقىش كىلىشتە كەلگەن سۆزنىڭ ئاڭلاتقان مەنىسىنىڭ بارلىقىنى، مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدۇ.
دوستۇم ماختاندى پۇل - مۈلكىدىن، خالىي ئەمەسكەن ئويۇن - كۈلكىدىن
خالىي[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىچى ئادەم ياكى نەرسىلەر بىلەن بەند بولمىغان، بوش، بىكار:[مىسال:] ئۆيدىكىلەر دىلشاتنىڭ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشى ئۈچۈن بىر ئۆينى خالىي قىلىپ بەردى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشى نەزىرىدىن، كۆزىدىن يىراق؛ چەت، خىلۋەت:[مىسال:] قاراقچى خالىي يەردە ئالار، يانچۇقچى توپ ئىچىدە (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېچكىم يوق، يالغۇز، ئايرىم:[مىسال:] كەچقۇرۇن بەختىگۈل بىلەن رىشىت خالىي قالدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] ھېچكىم يوق جاي، يەر؛ خىلۋەت يەر، دالدا جاي:[مىسال:] مەن سىز بىلەن خالىيدا گەپلەشمەكچى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن ئىسىملاردىن كېيىن كېلىپ، «مۇناسىۋەتسىز، ئالاقىسىز، مۇستەسنا، ئازاد» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] تۆتىنچى قىز يۇقىرىقى ئۈچ قىزدا كۆرۈلگەن خۇسۇسىيەتلەردىن خالىي ئىدى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «ئەمەس» سۆزى بىلەن بىللە قوللىنىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى چىقىش كىلىشتە كەلگەن سۆزنىڭ ئاڭلاتقان مەنىسىنىڭ بارلىقىنى، مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] دوستۇم ماختاندى پۇل-مۈلكىدىن، خالىي ئەمەسكەن ئويۇن-كۈلكىدىن.