Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىتۇتتى.
ئىت كەيىك تۇتتى _ ئىت كېيىك تۇتتى. باشقا نەرسىلەرنى تۇتسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. شۇنىڭدەك ھەرقانداق كىشى بىرەر نەرسىنى تۇتسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. مەسىلەن: ئول ماڭا ئەلىك تۇتتى _ ئۇ ماڭا كېپىل بولدى. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئەلىك تۇتغىنچا ئوت تۇت _ كېپىل بولغۇچە، ئوت تۇت. كېپىل بولغان ئادەم كېيىن پۇشايمان قىلىدۇ ( تۇتار _ تۇتماق).
2 - 426