تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىسوغۇق.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تۇملىغ كەلىپ قاپسادى
قۇتلۇغ يايىغ تەپسەدى
قارلاپ ئاژۇن ياپسادى
ئەت يېن ئۈشۈپ ئەمرىشۈر
{سوغۇق كېلىپ قاپسىدى،
قۇتلۇق يازنى قوغلىدى،
قار يېغىپ دۇنيانى قاپلىدى،
ئەت - يان ئۈششۈپ تىترىشەر.}
سوغۇق كېلىپ ھەممە ياقنى بېسىپ كەتتى؛ ئۇ قۇتلۇق يازغا ھەسەت قىلىپ، قار ياغدۇردى؛ قار جاھاننى قاپلاپ كەتكىلى تۇردى، بەدەن سوغۇقتىن چۈمۈلە ماڭغاندەك چىمىلداپ كەتتى.
« تۇملۇغ» سۆزىنىڭ ئەسلى « تۇم» دۇر. « ئۆلۈگ يۈزى تۇملۇغ ئۆلۈكنىڭ يۈزى سوغۇق». بۇ «كىشى ئۆلگەندىن كېيىن، يېقىنلرى ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ» دېگەن بولىدۇ.
1 - 604