ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. ئەلەم، بايراق.
تۇغ كۆتۈرمەك.
2. داخانلارنىڭ كېسىلىگە ئوقۇغاندا ئۆيگە تارتقان ئارغامچىسى ۋە ئۇنىڭغا ئېسىلغان ئالىيېشىل لاتىلار. تۇغ باغلىماق.* تۇغنى ئايلانماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تۇغان، دامبا، توسما.
تۇغ سالماق.* تۇغ تۇتماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تۇغماق، تۇغۇش. بالا كۆتۈرمەك؛ بالىلىماق؛ كاكىلىماق.
ئوغۇل ئۆزىدىن، قىز تۇغسا خوتۇندىن كۆرمەك ( ماقال ).* ساغلىقىمىز تۇغدى.* توخۇيىمىز تۇخۇم تۇغدى.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرىبايراق:
غەمدە سارۇلغا تەنىم گەردىن كۆرۈپ شاشماس كۆزىن،
تۇغ كۆرۈپ ئانداغ كىيىكلەركىم تېڭىرقاپ قاراشۇر.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت، ئارمىيە ۋە تەشكىلاتنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى.
دۆلەت بايرىقى. قىزىل بايراق. پارتىپە بايرىقى. كومپارتىيە بايرىقىنىڭ بەلگىسى ئوغاق - پالتا ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى كۆرسىتىدۇ. يا ئەلەمدە يوق، يا قەلەمدە. بۈگۈن بايرام، يىغىندا تۇغ - ئەلەملەر لەپىلدەپ تۇرىدۇ.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
چاڭ - توزاڭ. مەسىلەن:
ئاندا يارىم كېلەدۇ،
توققۇز داۋانلارنى داۋاپ،
ئاي يۈزىگە تۇغ قونۇپتۇ،
يامان ئاتلارنى ساۋاپ.
شىۋىلەر
تۇغان، توسما. مەسىلەن: تۇتتى، تۇغ باستى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىدۇمباق.
خاننىڭ ھۇزۇرىدا چېلىنىدىغان دۇمباق. « خان تۇغ ئۇردى _ خان نۆۋەت دۇمبىقىنى چالدى» دېگەن ئىبارە شۇنىڭدىن ئېلىنغان.
3 - 175
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىتۇغ، بايراق.
توقۇز تۇغلۇغ خان _ توققۇز تۇغلۇق خان ياكى خاقان. خاننىڭ قول ئاستىدىكى ۋىلايەتلەر ھەر قانچە كۆپىيىپ، مەرتىۋىسى يۇقىرى كۆتىرىلسىمۇ، تۇغلىرى توققۇزدىن ئاشمايدۇ. چۈنكى توققۇز سانى خاسىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ. خاننىڭ بۇ تۇغلىرى كاككۇك ئاغزى رەڭلىك يىپەك رەختتىن ياسىلىدۇ. بۇمۇ خاسىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ.
3 - 175
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىتۇغ، تۇغان.
سۇۋقا تۇغ ئۇر _ سۇغا تۇغ باغلا.
3 - 176
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ قاپقىقى، ياپقۇچى. « تۈڭلۈك تۇغى _ تۈڭلۈك ياپقۇچ» دېگەن سۆز شۇنىڭدىن ئېلىنغان.
3 - 176