مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلار، بەزى ئۆسۈملۈكلەر ئۈستىدىكى يىپەكسىمان نەرسە.
<يۇڭ> ئادەمگە ئيېتىلمايدۇ، <تۈك> دېيىلىدۇ.
<تىۋىت> ئۆچكە، تۆگە يۇڭلىرىنىڭ ئەڭ يۇمشاق، نەپىس قىسمى، تارىۋېلىنىدۇ.
ئاۋسترالىيىدە بىر دېھقان ئۆيدە باققان بىر قويىدىن 29 كىلوگرام يۇڭ قىرقىۋالغان. يۇڭ تالاسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 62 سانتىمېتىر ئىكەن. تۈكلۈك ئادەم - تۈكى چۈشۈپ كەتكەن تېرە. تۈك قايان ياتسا، شۇ يانغا سىلا. ئۆچكىنىڭ مويى كۆپ، بەڭگىنىڭ ئويى. تېكىنىڭ سۈتى بولمىغان بىلەن، تىۋىتى بار.