كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
تولۇق، كامىل، ھەممە: توگەل بىلگە تەڭرى تەڭرىسى - ھەممىگە قادىر تەڭرى تەڭرىسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سىرا ھەممىسى، بارى.
بۇلار تامامەن ئۆزى ئىلكىڭدە. بىلگىنكى، ئىش پۈتۈنلەي سەن كۈتكەندەك بولمايدۇ. يىلتىزى سېسىسا غولى تۈگەل تۈگەيدۇ. ۋەزىپە تولۇق ئورۇنلانسا، كۆڭۈل خوش بولىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىتۈگەل، تولۇق.
پۈتۈن بولغان نەرسىمۇ « تۈگەل» دېيىلىدۇ. تۈگەل ئالغىل _ تۈگەل ئالغىن.
1 - 537
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىھەممە، بارلىق، <تۈگەل> گە قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. تولۇق، يېتەرلىك.
بوۋاي ئۆز ئىگىلىكىدە ھەممە نەرسە تۈگەل بولسىمۇ، پەقەت بىرلا نەرسىنىڭ كەم ئىكەنلىكىنى دائىم ھېس قىلاتتى.
رەۋ. پۈتۈنلەي، تامامەن، ھەممە.
ئۇنىڭ چاچلىرى تۈگەل ئاقارغان بولۇپ، قارىماققا 60 ياشلاردىكى كىشىدەك كۆرۈنەتتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئەرلەرگە خاس ئىسىم
ھەممە، ھەممىسى، تۈگەل. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىقىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پۈتۈن، ھەممىسى، مۇكەممەل.